ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىردى

2019.02.17 16:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئايروپورت قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ھەم تەخمىن چوتى خەلق ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى، بۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئومۇمىي تەخمىن چوتى 41 مىليارد 787 مىليون يۈەن بولۇپ، قۇرۇلۇش يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان 3600 مېتىرلىق 2- ئۇچۇش- قونۇش يولى ۋە 3200 مېتىرلىق 3- ئۇچۇش- قونۇش يولىنى ھەمدە 500 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق شىمالىي رايون ئاۋىياتسىيە بىناسى ھەم 345 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق قاتناش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئۇچۇش رايونى دەرىجىسى 4F (ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولۇپ، ئايروبۇس A380 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇپ قونالايدۇ)كە يېتىپ، يىلىغا 63 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچىنى كىرگۈزۈش- چىقىرىش، 750 مىڭ توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسىنى كىرگۈزۈش- چىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ؛ ئاۋىياتسىيە رايونى يىلىغا 48 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچىنى كىرگۈزۈش- چىقىرىش، 550 مىڭ توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسىنى كىرگۈزۈش- چىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇش جەريانىدا «تىنچ- ئامان ئايروپورت، يېشىل ئايروپورت، ئاقىل ئايروپورت، ئادىمىيەت ئايروپورتى» بەلگە سىستېمىسى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىچكى سۈپەت ۋە تاشقى دەرىجە بىر گەۋدە قىلىنغان زامانىۋى پۇقراۋى ئايروپورتنى كۈچەپ بەرپا قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش پۇرسىتى مەھكەم تۇتۇلۇپ، «تۆت تىپلىق ئايروپورت» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش تېزلىتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىدىكەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىنكى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئاپتوماتلىشىش نىسبىتى %70كە ئۆسىدىكەن، «قەغەزسىز» مۇلازىمەت، چىراي پەرقلەندۈرۈش ھەم ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە سىستېمىلار كەڭ قوللىنىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈنۈمى ھەم ئايروپورتتىن پايدىلىنىش نىسبىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەر قىلىش تەسىراتى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاۋىياتسىيە بازىرى تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى، رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئايروپورتنىڭ ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىۋېرسال قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا «ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي رايونىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش توغرىسىدا يوليورۇق سوراش دوكلاتى» سۇندى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ يوليورۇق سوراش دوكلاتىنى تەستىقلاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلدى. قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئايروپورت قۇرۇلۇشى، ھاۋا قاتنىشى كونترول قۇرۇلۇشى، ماي بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە