ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاتۇش شەھىرىنىڭ تېتىر كەنتىدىكى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنىنىڭ ئىگىسى قۇربانقىزنىڭ چاغانلىق ئارزۇسى−

كەنتتىكى ئاچا- سىڭىللارنى بارغانسېرى مودىلاشتۇرۇش

مۇخبىرىمىز خې لىڭ

2019.02.14 15:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

2- ئاينىڭ 8- كۈنى، قۇربانقىز مەمەتئابلا (ئوڭدىن 2- كىشى) كەنت ئاھالىسىگە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)
  چاچ بۈدۈر قىلىش، چاچ بوياش، چاچ ياساش... ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىنىڭ تېتىر كەنتىدە ئانچە- مۇنچە نامى بار بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى− خۇش چىراي ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى سالونى بار، بۇ دۇكان داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىمۇ جەلپ قىلدى.

  2- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىر خۇش چىراي ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى سالونىدا دۇكان ئىگىسى قۇربانقىز مەمەتئابلا ۋە تۆت دۇكان خىزمەتچىسىنىڭ خېرىدارلارنىڭ چېچىنى بۈدۈر قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بەش- ئالتە خېرىدارنىڭ بىر ياندا ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  «تۈنۈگۈن چاچ ياسىتىدىغان، چېچىنى بويىتىدىغان 30 نەچچە خېرىدارنى كۈتۈۋالدۇق، بۈگۈن يەنە ئون نەچچە خېرىدار ئالدىن كېلىشىپ قويدى، ھەر كۈنى ئالدىراش ئىشلەپ كەچ سائەت 11- 12 لەردە ئاران ئۆيگە قايتىۋاتىمەن. گەرچە بەك ئالدىراش بولساممۇ، لېكىن ئالدىراش بولغانلىقىمدىن خۇشالمەن. مەن كەنتتىكى ئاچا- سىڭىللىرىمنىڭ بارغانسېرى مودا، بارغانسېرى گۈزەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن». قۇربانقىز مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ چاغانلىق ئارزۇسىنى ئېيتتى.

  قۇربانقىزنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، دۇكان ئېچىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئۆيىدە بالىسىغا قارايتتىكەن، ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتىكەن. بۇ نەچچە يىلدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشى بىلەن، ئۇ ئاياللارنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى كېرەكلىكىنى، ئۆزىگە تايانغاندىلا، ئاندىن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلالايدىغانلىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتكەن. 2017- يىلى، بالىسى مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ سىرتقا چىقىپ تېخنىكا ئۆگىنىشنى تاللىغان.

  «مەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرى، ئۈرۈمچىدىكى بىر كەسپىي مەكتەپكە بېرىپ تەربىيەلەشكە قاتناشتىم. 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى ئالدىم.» دېدى قۇربانقىز.

  تەربىيەلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قۇربانقىز ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئويىنى يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىغا ئېيتتى. يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ قوللىشى بىلەن، قۇربانقىز 65 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى.

  ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، كەنتتىكى نۇرغۇن ئايال ياسىنىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەچكە، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساشتىن ئىبارەت بۇ «يېڭى» شەيئىنى قوبۇل قىلمىقى ناھايىتى تەسكە توختىغانىدى.

  كەنتتىكى ئاياللارنى بۇ «يېڭى» شەيئىنى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، قۇربانقىز ھەر كۈنى ئىشقا بېرىشتىن بۇرۇن چىرايلىق كىيىمىنى كىيىپ، چېچىنى چىرايلىق ياساپ، چىرايلىق گىرىم قىلدى.

  «كەنتتىكى ئاياللار مېنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممىسى ھەۋەس قىلىشتى، دۇكانغا كېلىپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپ، چاچ ياسىتىپلا قالماي، نۇرغۇن كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ئۆگەندى.» قۇربانقىز مۇنداق دېدى: «ھازىر دۇكاننىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەر ئايدا دۇكاندا ئىشلەيدىغانلارنىڭ مائاشى، سۇ، توك پۇلى قاتارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ساپ كىرىمىم 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بىر كۈنلۈك ساپ كىرىمىم 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ».

  سودىنىڭ كۈندىن- كۈنگە روناق تېپىشىغا ئەگىشىپ، يالغۇز بىر قۇربانقىزنىڭ مۇلازىمىتى نۇرغۇن خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەنتتە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، مەخسۇس نامرات ئائىلىلەردىكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا تېخنىكا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى تۇنساقىز مەمەت تەربىيەلىنىش ئارقىلىق قۇربانقىزنىڭ دۇكان خىزمەتچىسى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، قۇربانقىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش سەۋىيەسىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى، ئىش ھەققىمۇ خېلىلا ئۆستى.

  «مەن ھازىر ھەر ئايدا 2500 يۈەن تاپىمەن، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزۈم بالدۇرراق ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى ئېچىشقا تىرىشىمەن.» دېدى تۇنساقىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

  يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، قۇربانقىز نامرات ئائىلىلەردىن ئون نەچچە ئايالنى تەربىيەلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى ئاچتى.

  قۇربانقىز مۇنداق بىلدۈردى: «مەن ئۆز تېخنىكامنى ئۇلارغا ئايىماي ئۆگىتىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئايالنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان