ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.02.14 15:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ”يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار“ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلىدۇ) روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2018- يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق، كېلەر يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «يولغا قويۇش پىكرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپە، تەلەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېننى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت «ئۈچتە بۆسۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتى، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى، يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشىدىن ئىبارەت «تۆت سەۋىيە»نى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنت سېلىنما كاپالىتى، يېزا ئىگىلىكى پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى، يېزا- كەنت ئىختىساسلىقلار تىرىكى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، تىزگىنلەش، يېزىلارنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت «بەش سىستېما»نى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈك ھالقىلارنى تولۇقلاپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ۋەدە قىلىنغان يېزا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسى، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش- تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كېرەك. جېجياڭنىڭ «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسەت تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، «پارنىك ئۆي» مەسىلىسىنى مەخسۇس رەتلەش، تۈزەشنى ياخشى ئىشلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدە جەزمەن تاماملاشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپىلەرنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان