ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئەڭ گۈزەل چاغلىرى بىلەن ھاياتلىق ئۇرغۇپ تۇرغان يېشىللىقنى قوغداش

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي، پىراكتىكانت جاڭ جىڭ

2019.02.14 15:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۇچىسىغا كونا كىيىم، پۇتىغا كونا پاختىلىق ئاياغ كىيگەن؛ تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن، يۈزىنى بەئەينى پىچاق بىلەن تىلىپ قويغاندەك قورۇقلار قاپلىغان؛ 50 ياشتىن ئاشقان بۇ كىشى قارىماققا 70 ياشتىن ئاشقاندەك كۆرۈنەتتى. 1- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچىدە ۋاڭ شيەنخۇانى ئۇچراتقاندا، كۆرۈش سېزىمىدىكى بۇ كۈچلۈك پەرق مۇخبىرلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  ۋاڭ شيەنخۇا، بىڭتۈەن 2- شىسى 31- تۈەنىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى. قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى نەچچە كىلومېتىر دائىرىدە ئادەم قارىسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان جايدا، ئۇ خوتۇنى بىلەن 19 يىل ياشىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى بۇ يەردىكى ئېكولوگىيە ئورمىنىنى قوغداش ئىدى. ۋاڭ شيەنخۇا خۇددى دەرەخكە ئوخشاش، قۇملۇق چېتىدە ئۈن- تىنسىز يىلتىز تارتىپ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن ئاددىي- ساددا ھاياتلىق كۈيىنى ياڭراتتى.

  31- تۈەن 2- شى تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا جايلاشقان، جەنۇبتا تەكلىماكان قۇملۇقىغا تۇتىشىدۇ، شىمالدا قۇمتاغ قۇملۇقى بىلەن قوشنا، ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ ئەڭ تار ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ئىككى چوڭ قۇملۇقنىڭ تۇتىشىپ كېتىش خەۋپىنى تۇغدۇردى. ۋەزىيەت كەسكىن ئىدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۆلەت زور مەبلەغ سېلىپ، 31- تۈەندە ئۇزۇنلۇقى 11 مىڭ 200 مېتىر، كەڭلىكى 200 مېتىر كېلىدىغان ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلدى.

  ئورمان بەرپا قىلىندى، ھېچكىم ئۇنى مۇھاپىزەت قىلمىسا، ئىلگىرىكى نەتىجە، تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى يوققا چىقاتتى. 2000- يىلىنىڭ بىر كۈنى، 31- تۈەن قۇم تىزگىنلەش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شيەنخۇانى ئىزدەپ: «يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئېكولوگىيە ئورمىنىغا ئورمان مۇھاپىزەتچىسى كېرەك، قىلغۇڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى، ۋاڭ شيەنخۇا خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئېكولوگىيە ئورمىنىنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. ۋاڭ شيەنخۇا خوتۇنى بىلەن ئۈچ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئورماننى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولدى.

  دەسلەپ كەلگەندە، شارائىت تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جاپالىق ئىدى. «كۆچەتلەر تېخى ئاينىمىغاچقا، كۈندە بوران چىقسىلا، ئۆي قۇمغا توشۇپ كېتەتتى». ۋاڭ شيەنخۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «سىرتقا چىقىپ بىر قېتىم چارلاپ قايتىپ كەلسەك، يۈزىمىز بىر قەۋەت قۇم بولۇپ كېتەتتى. سۇ ئىچىشمۇ بىر چوڭ قىيىن مەسىلە ئىدى، 2000- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىچتۇق، بىر چېلەك سۇنى تارتىپ چىقارساق، يېرىمى قۇم بولاتتى، بىر ئاخشام تىندۇرۇپ ئاندىن ئىچەتتۇق، تېخى سۇ ناھايىتى تۇزلۇق ئىدى».

  كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ۋېلىسىپىت بىلەن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۈەنبۇغا بېرىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە 800- 700 مېتىر شېغىل يول بار ئىدى، ۋېلىسىپىت مىنگىلى بولمايتتى، پەقەت ئىتتىرىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. تۈەنبۇغا بىر قېتىم بېرىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى سائەت كېتەتتى. 2000- يىلى، ۋاڭ شيەنخۇانىڭ ئىككى قىزىنىڭ بىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى، بىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى. ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستا، ئۇلار ئاشۇ 800- 700 مېتىرلىق شېغىل يولدا ۋېلىسىپىتنى ئىتتىرىپ مېڭىپ مەكتەپكە باراتتى.

  بۇنداق جاپالىق شارائىتتا، ئادەمنىڭ ياشىشىمۇ بىر مەسىلە بولۇۋاتقان يەردە، كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىش، قوغداشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايتتى. بۇ يەرگە يېڭىلا كېلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلگىرىكى 80 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ھەر ھالدا خاتىرجەم ياشىغان كۈنلىرىنى ئەسلىدى، خوتۇنى دېڭ بىڭشېڭ پۇشايمان قىلىپ، ۋاڭ شيەنخۇاغا كۆپ قېتىم مۇنداق نەسىھەت قىلدى: «بىز يەنىلا ليەندۈيگە قايتىپ يەر ھۆددىگە ئالايلى، بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك جاپالىق ئىكەن!» ۋاڭ شيەنخۇا مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئېكولوگىيە ئورمىنىغا شۇنچە كۆپ پۇل ئاجراتتى، بىز قارىمىساق، كىم قارايدۇ؟ كەتسەك بولمايدۇ».

  ۋاڭ شيەنخۇا ئەر- خوتۇن ئاخىرىدا يەنىلا قېپقېلىشنى تاللىدى. قۇم - بوران كۈچلۈك بولغاچقا، كۆچەتلەر ئالدىنقى ئىككى يىلدا دائىم شامالدا ئۆرۈلۈپ كەتتى. شامال توختىشى بىلەن، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن دەرھال شۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ كۆچەتلەرنى بىر تۈپ- بىر تۈپتىن يۆلەپ ئۆرە قىلىپ، قايتىدىن سۇ قۇيۇپ، سۇغىرىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇردى. ئورمانلىقتىكى نۇرغۇن ياۋا توشقان ۋە چاشقانلار ھەمىشە كۆچەتلەرنىڭ قوۋزىقىنى غاجاپ قويغاچقا، نۇرغۇن كۆچەتلەر قۇرۇپ قالدى. ۋاڭ شيەنخۇا ئەر- خوتۇن قومۇش بىلەن كۆچەتلەرنى ئوراپ قويدى. ئىككىيلەن 800 نەچچە مو يەردىكى كۆچەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىككى يىل ۋاقىتتا ئاران قومۇش بىلەن ئوراپ بولدى.

  چارلاش، ئوت ئوتاش، كۆچەت ئەتراپىنى چىتلاش... ۋاڭ شيەنخۇا بۇ كۆچەتزارلىقنى ئۆز بالىسىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىدى. 19 يىلدا يوپۇرماقلار كۆكەردى يەنە سارغايدى، تۆكۈلدى يەنە چىقتى. جاپالىق مۇھىت، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ۋاڭ شيەنخۇانىڭ ياشلىق چاغلىرىنى خوراتتى، ئەمما ئىلگىرىكى كىچىك كۆچەتلەر چوڭ دەرەخكە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىھاتە ئورمىنى خۇددى بىر يېشىل توسۇق كەبى چەكسىز قۇم دېڭىزىنى «ئىشىك سىرتى»دا قالدۇردى.

  31- تۈەندە چېگرا رايونغا ياردەم بەرگەن، ھازىر بېيجىڭ، شاڭخەي، سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا قايتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، تۈەنچاڭدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى- خىزمەتچىلەر قايتىدىن 31- تۈەننى يوقلاپ كەلگەندە، ھەممىسى ئېكولوگىيە ئورمىنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى بېرىپ، ئۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قېلىش بىلەن بىللە، ۋاڭ شيەنخۇا ئەر- خوتۇننى بەس- بەستە ماختىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ بىڭشېڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئىككى قىزى ئۇنىڭغا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ كورلا شەھىرىگە يېنىپ كېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش توغرىسىدا كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلغاندا، ئۇ ھەر قېتىم رەت قىلدى. «بىز خۇددى ئۆز بالىمىزنى باققاندەك، بۇ كۆچەتلەرنى بېقىپ چوڭ قىلغاچقا، بۇ يەردىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمايدىكەن، باشقىلارغا تاپشۇرساقمۇ خاتىرجەم بولالمايدىكەنمىز» دېدى دېڭ بىڭشېڭ.

  مۇھەررىرنىڭ باھاسى

  19 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، ۋاڭ شيەنخۇا ئەر- خوتۇن قۇملۇق بىلەن قوشنا بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان جاپا ۋە يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى: «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى قۇم- بوران يىراققا ئۇچۇرۇپ كەتتى، بىراق ئاشۇ ھاياتلىق ئۇرغۇپ تۇرغان يېشىللىقتا ھاياتلىق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان