ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش

− لياۋنىڭنىڭ «ئۈچنى ئالغا سىلجىتىش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى ياراتقانلىقى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ جېنخۇڭ، لى جېڭ

2019.02.13 16:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىش». لياۋنىڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، 2017- يىلى 3- ئايدا، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، «ئۈچنى ئالغا سىلجىتىش» تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، لياۋنىڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، پۈتمەس- تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، لياۋنىڭ «ئۈچنى ئالغا سىلجىتىش»نى كونا سانائەت بازىسىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، ئىستىلنى ياخشىلىدى. 2018- يىلى لياۋنىڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.7 ئېشىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادى ئەڭ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتۈپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، ئوتتۇرا ھال ھالەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى.

  ئەڭ ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ، دادىل، كەسكىن بولۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش

  «مەن نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <ئۈچنى ئالغا سىلجىتىش> توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقىنى ئاڭلىغىنىمدا، كۆڭلۈم بىردىنلا يورۇپ كەتتى، مانا بۇ كارخانىلارنىڭ ئۈمىدى.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بېنگاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىجۇاڭ ئىككى يىل ئىلگىرىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە ھېلىھەم ھاياجېنىنى باسالمايدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: پولات- تۆمۈر ساھەسى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىكى نۇقتىلىق ساھە، بېنگاڭ كونا دۆلەت كارخانىسى، چوڭ دۆلەت كارخانىسى، باش شۇجىنىڭ «ئۈچنى ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدىكى يوليورۇقى ئالتۇن ئاچقۇچ بولۇپ، بېنگاڭنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلىدى.

  ئىلگىرى، پولات ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى سىجىل تۆۋەن بولۇپ، نەچچە ئونمىڭ كىشىگە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان چېن جىجۇاڭنىڭ بېسىمىنى ناھايىتى ئېغىرلىتىۋەتكەنىدى، ھالبۇكى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئەپچىل چارە كارخانىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇردى.

  ئىلگىرىكى بىرنەچچە يىلدا، بېنگاڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، قالاق كىچىك دومناپېچتىن ئوننى بىكار قىلىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگەتتى، ھالبۇكى، دۆلەتنىڭ قەتئىي ھالدا «كېرەكسىز پولاتتىن قايتا پولات ئىشلەپچىقىرىش»نى تەرتىپكە سېلىشىمۇ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈردى. چېن جىجۇاڭ مۇنداق دېدى: 2017- يىلىدىن باشلاپ، بېنگاڭ زىياننى تۈگىتىپ پايدا ئالدى، مائاشى بىرقانچە قېتىم ئۆستۈرۈلگەن بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

  دوكتور ليۇ خۇڭلياڭ بېنگاڭ گۇرۇھى كىرگۈزگەن ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىق خادىم، ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ تەتقىق قىلىپ چىققان زىيادە قاتتىق ئىسسىق پىرېسلانغان پولاتنىڭ پۇختىلىقى ۋە كېڭىيىشچانلىقى خەلقئارا پولات- تۆمۈر ماگناتلىرىنىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئەۋزەل بولۇپ، ئۇنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىغا تۈركۈملەپ ئىشلىتىلدى.

  ليۇ خۇڭلياڭ مۇنداق دېدى: «پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلارنىڭ سىجىل رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇشىنىڭ كاپالىتى، ئىككى يىلدىن بۇيان، بېنگاڭدا 24 تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلات بارلىققا كەلدى.» نۆۋەتتە، بېنگاڭ گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاختاي بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى زاۋۇتلىرى ۋە خاس ئاپتوموبىل ماركىلىرىنى تولۇق قاپلىدى، يەنە بېنچى، باۋما، لېينو قاتارلىق %70كە يېقىن شېرىك ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى پولات- تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق نىشانىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 300 مىڭ توننىلىقتىن تۆۋەن كىچىك كۆمۈر كانلارنىڭ ھەممىسىنى تاقىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يەنە بارلىق چارە- ئاماللار بىلەن داۋاملاشما كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  فۇشىن شەھىرى خېشى بازىرىدىن ئىلگىرى كۆمۈر كۆپ چىقاتتى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 13 كۆمۈر كان بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، خېشىدا بىرمۇ كۆمۈر كان قالمىدى. كۆمۈر قازىدىغان ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خېشى بازىرى يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن بازاردىكى يەتتە مەمۇرىي كەنتنىڭ ھەممىسىدە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئىلگىرى كان ئىشچىسى بولغان كەنت ئاھالىسى گاۋ گۇيچاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۈزۈم ئۆستۈرۈۋاتىمەن، كىرىمىم ئىلگىرىكى قۇدۇققا چۈشۈپ كۆمۈر قازغاندىكىدىنمۇ كۆپ.

  ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، قانچە جاپالىق، مۈشكۈل بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەش

  دۆلەت كارخانىلىرىدىكى «سۇ، توك، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش»نى ئايرىش، زاۋۇت كوللېكتىپ ئىسلاھاتى قاتارلىق تارىخىي قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۆلەت كارخانىلىرىدا ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش، «تۆمۈر ئورۇندۇق» «داش قازان»نى تۈگىتىشتە تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان لياۋنىڭدا، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلار ئىدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى بويىچە، لياۋنىڭ ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش»نى چۆرۈپ تاشلاپ، دادىللىق بىلەن «بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىشلەپ، ئېلىشىپ»، قانچە جاپالىق، مۈشكۈل بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەشتەك غەيرەت بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ھەقىقىي ھالدا لياۋنىڭنىڭ گۈللىنىشىدىكى «باشلامچى» ۋە ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندۇردى.

  زاۋۇت كوللېكتىپ ئىسلاھاتى نەچچە يۈزمىڭ ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدا چوقۇم ھالقىپ ئۆتىدىغان ئۆتكەل. لېكىن، ئىسلاھات تەننەرخى غايەت زور بولغاچقا، قايتا- قايتا توختىتىپ قويۇلغانىدى. 2018- يىلى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى قەتئىي ھالدا ئىسلاھاتنى باشلىدى. نۆۋەتتە، كارخانىلارنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش، ئىسلاھات مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق لايىھەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇ يىل 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، لياۋنىڭ پورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ قۇرۇلدى، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى يۈك كىرگۈزۈش- چىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان ئىككى چوڭ پورت− داليەن پورتى بىلەن يىڭكوۋ پورتىنى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى گۇرۇھى بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. لياۋنىڭ پورت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دېڭ رېنجيې مۇنداق دېدى: پاي ھوقۇقىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى ئېلىپ كەلگەن تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى تەدرىجىي ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، لياۋنىڭنىڭ 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىگە تارقالغان نۇرغۇن پورتلار ئەمدى كەسىپلەرنى تەكرار تەسىس قىلمايدىغان، باھا چۈشۈرۈپ رىقابەتلەشمەيدىغان بولدى، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئۈنۈمىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىدىن ئۈمىد بار.

  لياۋنىڭ ئالدىدا مېڭىش، ئالدىن سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تىجارەت خاراكتېرلىك كەسپىي ئورۇنلارنى كارخانىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئالدىن باشلىدى، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك 12 كارخانا گۇرۇھى ۋە شەھەر دەرىجىلىك 100دىن ئارتۇق كارخانا گۇرۇھى قۇرۇلدى، يېڭى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىلگىرىكى «ئالتۇن تاۋاق»نى كۆتۈرۈۋېلىپ «تىلەمچىلىك قىلىدىغان» ئورۇنلارنى بازار ئىقتىسادىنىڭ دېڭىز- ئوكيانلىرىدا ئۆزىنى سىناپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى جياۋتوۋ گۇرۇھى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۈلۈك ئېنىقلاش، مەبلەغ بېكىتىش ئارقىلىق مۈلۈك قىممىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، 180 نەچچە مىليارد يۈەندىن 240 نەچچە مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھەمكارلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر ئاممىنى ئويلاپ، پارتىيە ۋە ئەلرايىنى زىچ باغلاش

  ھەر قېتىم كەنتتە لى جيەننى كۆرگىنىدە، 78 ياشلىق سۈن جىڭجۈ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ قويۇپ بەرمەيتتى، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق چاقناپ تۇراتتى. سۈن موماي گاس- گاچا، مېيىپ بولۇپ، گەپ قىلالمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، لى جيەنگە زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.

  31 ياشلىق لى جيەن لياۋنىڭ ئۆلكىسى لياۋياڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇپ، 2017- يىلى دېڭتا شەھىرى خۇازى بازىرى ياڭجەيزى كەنتىنىڭ 1- شۇجىلىقىغا ئەۋەتىلگەن. بۇ يىگىتنىڭ سۈن موماي بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئائىلىگە كىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن باشلانغان.

  سۈن جىڭجۈ تۇغما ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبلىك تۆۋەن كاپالەتلىك نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، تۆۋەن كاپالەت پۇلى ھەر ئايدا 200 يۈەن ئىدى، ھالبۇكى، شۇ كەنتتىكى تۇغما كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر ياشانغان كىشىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى 325 يۈەن ئىدى. «ئوخشاشلا مېيىپ تۇرسا، نېمە ئۈچۈن كاپالىتى ئوخشىمايدۇ؟» بۇ سوئالنى كۆڭلىگە پۈككەن لى جيەن بازارلىق خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسىدىن تەپسىلىي مەسلىھەت سوراپ، ئاخىر ئىشنىڭ ھەممە تەپسىلاتىنى چۈشەندى. سىياسەتنى چۈشەنمىگەچكە، سۈن جىڭجۈ مېيىپلىق كىنىشكىسى بېجىرمەي، 1- دەرىجىلىك مېيىپلىق ياردەم پۇلى ئالىدىغان مۇھىم شەرتنى ھازىرلىمىغان. شۇنىڭ بىلەن، لى جيەن دەرھال مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىگە بېرىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىردى.

  مېيىپلىق كىنىشكىسى بىلەن ئارتۇق تولۇقلاپ بېرىلگەن 125 يۈەننى سۈن موماينىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندا، موماي كۆزىگە لىققىدە ئىسسىق ياش ئېلىپ، لى جيەننىڭ قولىنى تارتقىنىچە كۈچەپ ئىشارەت قىلدى. موماينىڭ كېلىنى: «ئۇ سىزگە رەھمەت ئېيتىۋاتىدۇ» دېدى.

  2017- يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، لياۋياڭ شەھىرى پارتىيە ئەزالىرى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پۈتۈن شەھەردىكى 65 مىڭ پارتىيە ئەزاسى بىلەن 490 مىڭ ئائىلىنىڭ ھەممىسى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلدى، ھەربىر ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسى بەش ئائىلە بىلەن ئالاقە باغلىدى. لياۋياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ فېڭبو مۇنداق دېدى: «كادىرلار ئىستىلى ئامما بىلەن بىللە ئولتۇرۇش، بىللە ئويلاش، بىللە ئىشلەش داۋامىدا ياخشىلىنىدۇ. لى جيەن نامرات ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سۈن ئانىنىڭ مېيىپلىق كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ، ھەر ئايدا 125 يۈەننى ئارتۇق ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيە ۋە ئەلرايىنى زىچ باغلىدى».

  ئىككى يىلدىن بۇيان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق، كارخانىلار ئەڭ ئىنتىزار بولغان ئىشلارنى چۆرىدەپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدا ئىستىل تاۋلاتقۇزدى. 2018- يىلىنىڭ بېشىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ئورگانلاردىن 12 مىڭ كادىرنى تاللاپ، يېزا، بازار، كەنت، قىشلاقلارغا ئۈچ يىللىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ھەمدەم بولدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كادىرى ساڭ يىڭ ۋە ئۇنىڭ شېنياڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئېرى سۈن چاڭچىڭ بىرلا ۋاقىتتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى چاۋياڭ شەھىرىنىڭ كالاچىن زويى موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە كەنتنىڭ 1- شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تىزىملاتتى. بۇ جاي بىلەن شېنياڭنىڭ ئارىلىقى 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئىدى، ئۈچ ياشلىق قىزىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئائىلە بويىچە بېرىشنى قارار قىلدى. يېزىدا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل بولاي دەپ قالغان ساڭ يىڭ مۇنداق دېدى: «ئىش قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ھەرقانداق قىيىنچىلىق قىيىنچىلىق ھېسابلانمايدۇ».

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمالدىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ». پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013- يىلى، 2017- يىلى ئىككى قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. بۇلتۇر ئالتۇن كۈزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە شەرقىي شىمالنىڭ كەڭ تۇپرىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، شېنياڭدا شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگو نېفىتى لياۋياڭ نېفىت- خىمىيە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بەي شۆفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، شەرقىي شىمالنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن رول تۇتۇپ باشلامچىلىق قىلغانلىق، نىشان بەلگىلىگەنلىك، بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كونا سانائەت بازىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ھەر تەرەپلىمە گۈللىنىشىگە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 2- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر