ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى يەنە ئۆستۈرۈلدى

2019.02.11 13:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى 1- ئېيىدىن 24- ئېيىغىچە بولغانلىرى ھەربىر ئادەم ھەر ئايدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %90ى بويىچە ئالىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ خىزمەت ئاللىقاچان باشلانغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 3000دىن ئارتۇق كىشىنى قاپلايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 11- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن: بۇلتۇر 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئىشسىزلاردىن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى 1- ئېيىدىن 12- ئېيىغىچە بولغانلىرى ھەربىر ئادەم ھەر ئايدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %85ى بويىچە ئالغان؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى 13- ئېيىدىن 24- ئېيىغىچە بولغانلىرى ھەربىر ئادەم ھەر ئايدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %80ى بويىچە ئالغان؛ بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن 45 مىڭ 500 ئىشسىزنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتى تەڭشەلگەن، كىشى بېشىغا 150 يۈەن كۆپەيگەن، چېتىلىدىغان مەبلەغ 62 مىليون 400 مىڭ يۈەن بولغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يەن كېمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش «قوغداش ھەرىكىتى» ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش «قانات قېقىش ھەرىكىتى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 143 كارخانا كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشىپ، 73 مىليون 186 مىڭ 200 يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولغان، كارخانىلاردىكى 123 مىڭ ئىشچى- خىزمەتچى مەنپەئەتلەنگەن. كارخانىلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر بەلگىلىمە بويىچە 13 مىڭ ئادەم قېتىم ماھارەت ئۆستۈرۈش تولۇقلىمىسى ئالغان، چېتىلىدىغان مەبلەغ 20 مىليون 400 مىڭ يۈەن بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مېھرىگۈل