ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چاغان باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلدى

قاينام- تاشقىنلىق ئىچىدە چاغان ئۆتكۈزۈش

2019.02.08 13:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چاغان باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «خەۋەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش قانىلى» پىروگراممىسىدا كۆرسىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزگەنلىكىدەك ئىناق بايرام كەيپىياتى نامايان قىلىندى، شۇنداقلا ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىپادىلەندى.

  ئىككى مىنۇتقا يېقىن قىسقا فىلىمدە، ئېكراندا ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى شياۋلۈگۇ باغچىسى كۆرسىتىلدى. «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» ناملىق ناخشىنىڭ لەرزان مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، 360 يۈرۈشتىن كۆپرەك چىراغ نۇرىدا ئەتىيازدىن قىشقىچە بولغان تۆت پەسىلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ئىپادىلەندى. دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 22سى ماكانلاشقان ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، يۇمشاق ماتېرىيال ئۇچۇر كەسپى تەرەققىيات بازىسى بولۇشتەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى نامايان قىلىندى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسى يېشىل، قىزىل، سېرىق، كۆك قاتارلىق كۆپ رەڭلىك نېئونلۇق لامپا بىلەن بېزىلىپ، گۈزەل، رەڭدار بىر دۇنياغا ئايلانغانىدى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بۇ يەردىكى ئۆزگىچە ئىمارەت توپىنى قويۇق چاغان پۇرىقىغا كىرگۈزگەنىدى. چىراغ نۇرىنىڭ چاقنىشىدا، ئۈرۈمچى خۇڭسەن باغچىسىدا باھاردا گۈللەر ئېچىلىدىغان، يازدا سۇدەك سالقىن بولىدىغان، كۈزدە يوپۇرماقلار ئوتقاش تۈسكە كىرىدىغان، قىشتا قارلار لەپىلدەپ يېغىپ رومانتىكىلىققا تولىدىغان تۆت پەسىلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان قىلىندى. دەۋر مەيدانى بىناسى، خۇڭسەن يېڭى ئەسىر بىناسى قاتارلىق بىنالارنىڭ گەۋدىلىرىدە بايرام خۇشاللىقىغا تولغان كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان قىزىل، سېرىق قاتارلىق رەڭلەر نۆۋەت بىلەن كۆرۈندى، «بەختلىك جۇڭگو يىلى، يېڭى جۇڭگونى ھۆرمەت بىلەن مەدھىيەلەش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» دېگەن خەتلەر بىر- بىرىگە ئۇلىشىپ كۆرسىتىلىپ، يولدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنىڭ سېرىق چىراغ نۇرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ زامانىۋى، مودا قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

  ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شەھەر قىياپىتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، يىپەك يولىدا چاقناپ تۇرغان بۇ مەرۋايىت ۋەتەننىڭ غەربىي شىمالىدا كۆزنى چاقنىتىپ، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر قانىلىدا ئۈرۈمچىنىڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى بىۋاسىتە كۆرسەتتى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر قانىلىنىڭ «شەرق ئىقلىمىدا» پىروگراممىسىدىمۇ بۇ قېتىمقى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى توققۇز مىنۇتقا يېقىن بىۋاسىتە خەۋەر قىلدى، بۇ، بىر مەھەل ھەر مىللەت ئامما پەخىرلىنىدىغان قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى.

  شياۋلۈگۇ باغچىسىدىكى رەڭگارەڭ چىراغ دېڭىزىدا سەيلە قىلىپ يۈرگەن ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ يوۋچىن يان تېلېفونىدا ئاتا- ئانىسىنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. «بۇ يىل مەن ئاتا- ئانامنى يۇرتۇمدىن شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدىم، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ چاغان ئۆتكۈزدۇق. چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى كۆرسەتكىلى ئېلىپ كەلدىم. بۇ بىرنەچچە يىلدا ئۈرۈمچىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، بارغانسېرى خەلقئارالاشقان چوڭ مەركىزىي شەھەرگە ئوخشاۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز!»
مەسئۇل مۇھەررىر : مېھرىگۈل