ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تۇغقانلار، دوستلار يوقلىشىپ ئۆزئارا مۇڭداشتى
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرى قويۇقلاشتى

2019.02.07 16:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كاتتا چاغاندا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرى ئۇرغۇدى. تۇغقانلاشقان نەچچە ئون مىڭ كادىر چاغانلىق تىلەكلىرى، ئالدىن تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە، بەختلىك جۇڭگو يىلىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  «سۇڭ ئانا، سىز بارمۇ؟ مەن مېھرىگۈل». 2- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى مېھرىگۈل ئەمەت ئالدىن تەييارلاپ قويغان سۈت، ساڭزىلارنى ئېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. «مانا، مانا!» 85 ياشلىق سۇڭ يۈخۇا ئىشىكنى ئاچتى. «ئانا- بالا» كۆرۈشۈپلا بىر- بىرى بىلەن قىزغىن قۇچاقلاشتى.

  مېھمانخانىدىكى چاي ئۈستىلىگە ھەر خىل كەمپۈت ۋە مېۋىلەر تىزىلغانىدى. «بۈگۈن چاغاننىڭ 2- كۈنى، قېنى مېۋىلەرگە ئېغىز تېگىڭ، بىز چاغاننى بىللە ئۆتكۈزەيلى!» سۇڭ يۈخۇا يوغان بىر ئالمىنى مېھرىگۈلنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

  «قەدىناس دوستلىرىم مېنى ياخشى تۇغقان تۇتۇۋالدىڭ دېيىشتى». سۇڭ يۈخۇا گەپ باشلاپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى بىرقانچە يىلدا قىشتا ئۆيۈم ئىسسىمايتتى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆپ قېتىم ماسلاشتۇردى، يەنە دائىم ئۆيۈمگە كېلىپ ھال- ئەھۋال سوراپ تۇردى. 2018- يىلى بۇ بىنانىڭ سىرتقى تېمى ئىسسىقلىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، ھازىر ئۆيۈم بەك ئىسسىيدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرلىرىغا كۆپ رەھمەت!»

  ئوخشاش بىر كۈندە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى زېڭ تاۋ ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسىنىڭ مىلچىك كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى سۇرۇنجاپنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئەتكەنچاي قاينىدى، قۇرۇت، ساڭزا، بوغۇرساق جوزىغا تىزىلدى. تۇغقىنىنىڭ كەلگەنلىكىدىن سۇرۇنجاپنىڭ قەلبى ئىللىدى: «بۇلتۇر، تۇغقىنىم زېڭ تاۋنىڭ تەكلىپى بىلەن، قويلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ، كالا سېتىۋالدىم، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتتىم، كالىنى ياخشى باھادا ساتتىم، كىرىمىم خېلىلا كۆپەيدى. ھازىر كالىلىرىم بارغانسېرى كۆپىيىپ، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ!»

  2- ئاينىڭ 5- كۈنى سەھەردە، نۆلدىن تۆۋەن 22 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇققا قارىماي، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ، چىغان جىگدە يېزىسىنىڭ سەكرەش كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كاتتا بايرامنى تەبرىكلىدى.

  تۇغقىنى ياڭ شياۋدۇڭنىڭ بۈگۈن ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كەنت ئاھالىسى قارقېنبېك مۇپتىقان بالدۇرلا ئوچاققا ئوت قالاپ، كۆرپىلەرنى سېلىپ، جياۋزى قىيمىسى تەييارلاپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يېيىشنى كۈتتى.

  ياڭ شياۋدۇڭ ئۆيگە كىرىپلا، بۇ ئىللىق كۆرۈنۈشتىن تەسىرلىنىپ، دەرھال يېڭىنى تۈرۈپ، تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە جياۋزى تۈگكەچ مۇڭداشتى، ئۆي ئىچى شاد- خۇراملىققا تولدى.

  2- ئاينىڭ 4- كۈنى، قۇياش ئەمدىلا ئۇپۇق سىزىقىدىن كۆتۈرۈلگەندە، ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى مەيدان كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەتجۈمە قۇربان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شۇ كۈنى مەمەتجۈمە بىر ئائىلە كىشىلىرى جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە بانكىسىدىكى تۇغقانلاشقان كادىر ۋە شۇ جايدىكى ساقچىخانىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنى چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يېيىشكە تەكلىپ قىلغانىدى.

  «بىزنىڭ كەنت چېگراغا يېقىن كەنت، بۇ بىر نەچچە يىلدا تۇغقانلاشقان كادىرلار، شۇ جايدىكى ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، كەنت قىياپىتى ئۆزگىرىپ گۈزەللىشىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، كۆپچىلىكنىڭ بېيىش غەيرىتى بارغانسېرى ئاشتى» دېدى مەمەتجۈمە.

  شۇ كۈنى ماناس ناھىيەسى لەنجوۋۋەن بازىرى باجىياخۇ كەنتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە ئارىلاپ- ئارىلاپ ياخشى دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سانجى گېزىتخانىسىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار كۆپچىلىككە يېزىپ بەرگەن «بەخت» خېتى ۋە چۈنليەنلىرىنى كۆرۈۋاتاتتى. چىرايلىق يېزىلغان ھۆسنخەت، راۋان چۈنليەنلەرنى كۆپچىلىك چىن كۆڭلىدىن ماختاشتى. كەنت ئاھالىلىرى يېزىپ تەييارلانغان «بەخت» خېتى ۋە چۈنليەنلەرنى بەس- بەستە قولىغا ئېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  (مۇخبىرلىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، جاڭ تىڭ، چېڭ يۆيۆ، گې يوۋجۈن، خې لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ شىنگو، ۋېي جيەنفېڭ يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر