ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۈچئۆستەڭ كەنتى

چاغانلىق كېچىلىك قىزىپ كەتتى

مۇخبىرىمىز جاڭ جىلى

2019.02.07 16:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «كۆك يۈزلۈك دوئېردۇننىڭ پادىشاھ ئىلتىپات قىلغان ئاتنى ئوغرىلىشى، قىزىل يۈزلۈك گۈەنگوڭنىڭ چاڭشادا جەڭ قىلىشى...» 2- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، كۇچا ناھىيەسى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ كەنتىدىكى «چاغانلىق كېچىلىك»تە، كەنت ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ 17 ئەزاسى سەھنە كىيىملىرىنى كىيىپ، ھەربىر ھەرىكەتنى جايىدا قىلىپ، شىچۈ «شوچاڭ ليەنپۇ»نى ئورۇنلاپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  تاماشىبىنلار ئورنىدا ئولتۇرغان 47 ياشلىق كەنت ئاھالىسى راخمان قادىر بوينىنى سوزۇپ، ئويۇننى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆردى. «سۆزلىرى ئېنىق، ئاھاڭلىرى سىلىق چىقتى، بەك ئوبدان ئېيتتى!» دېدى راخمان توختىماي چاۋاك چېلىپ.

  شىچۈ ئامىلىنى كەنت مەدەنىيەت پائالىيىتىگە سىڭدۈرۈش ئۈچئۆستەڭ كەنتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. بۇلتۇر، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن بەزى ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنلىرىدا، راخمان ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ شىچۈ رادىيو گىمناستىكىسى ئويناشنى بىلىدىغانلىقىنى، يەنە تېخى يۈيجۈ «خۇا مۇلەن»نىمۇ ئېيتالايدىغانلىقىنى بايقاپ ھەيران قالغانىدى.

  ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ شىچۈ يېتەكچىسى سۈبھىنۇر مۇختەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۈچئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىدە داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە شىچۈ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، نەپىس، گۈزەل ئۇسسۇل ھەرىكىتى ۋە يېقىملىق كۈيلەرگە مەپتۇن بولۇپ، شىچۈنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالغانىدى. 2017- يىلى، سۈبھىنۇر «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە شىچۈ ئۆگىتىشنى ئويلىدى.

  «بىز كەنتكە ئەمدىلا كەلگەندە، كەنتتە ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى يوق بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ناھايىتى ئاز ئىكەن. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتتە ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەتنى ياخشى كۆرىدىغان ياشلار ئەترەتكە بەس- بەستە قاتناشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى بىلەن، كەنتنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتى تەدرىجىي قويۇقلاشتى» دېدى سۈبھىنۇر.

  ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىدىن شادلىققا تولغان يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلىغىچە؛ ناخشا تېكىستىنى قىزىقارلىق قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتىشتىن چىرايلىق، رەڭدار ئۇسسۇللارغىچە... ئۈچئۆستەڭ كەنتى ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىدىكى قىز- يىگىتلەر كۆپ خىل ماھارەت ئىگىلىگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. سۈبھىنۇر يەنە ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ شىچۈ ئېيتىشنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بىر مەزگىل مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئارزۇگۈل ئېزىز قاتارلىق ئەترەتنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى تەدرىجىي ئېپىنى ئېلىپ، ئاستا- ئاستا كىرىشىپ كەتتى.

  كەنتنىڭ «چاغانلىق كېچىلىك»ىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ توردىن سەھنە كىيىمى سېتىۋالدى. تۇنجى قېتىم سەھنە كىيىمى كىيگەن ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ناھايىتى خۇشال بولۇپ، يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىشىپ ئىككى- ئۈچتىن بولۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەم ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى. ئارزۇگۈل بېشىغا كىيىۋالغان گۈل بىلەن بېزەلگەن بۆكنىڭ ناھايىتى ياراشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، سۈرىتىنى يان تېلېفونىنىڭ تەگلىك سۈرىتى قىلىۋالدى، ئېرى: بۇ ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل سۈرىتى، دېدى.

  ئۈچئۆستەڭ كەنتىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتىدە 100 دىن ئارتۇق كىشى بولۇپ، ئۇلار ئەنئەنىۋى شىچۈ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىنىڭ قەلبىدە «لىيۈەن ئارزۇسى»نىڭ ئوتى يېلىنجىدى. ئەترەت ئەزاسى راھىلە ھەمدۇل ئۆزىنىڭ دائىم تېلېۋىزور ياكى يان تېلېفوندا شىچۈ نومۇرلىرىنى كۆرىدىغانلىقىنى، ۋاقتى بولسىلا مەشىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر