ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىخو شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتى

ئۆيگە قايتىش يولىنى ئىللىتتى

مۇخبىرىمىز سۇڭ ياۋېن

2019.02.07 16:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «سوراپ باقسام، بېلەتنى مۇشۇ يەردە تەكشۈرەمدۇ؟» «بۇ جايدا يۈك- تاق ساقلاش ئورنى بارمۇ؟»

  2- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىخو شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىدە ئادەملەر مىغ- مىغ بولۇپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان گو فاڭ بىر تەرەپتىن يولۇچىلارنىڭ بېلىتىنى تەكشۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۈلۈمسىرىگىنىچە يولۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى.

  بۇنداق مەنزىرە شىخو شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىدە كۈندە دېگۈدەك تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، گو فاڭ ھەر كۈنى نەچچە يۈز يولۇچىنىڭ سورىغان تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. «چاغان مەزگىلىدە يولۇچى ئېقىمى بىرقەدەر كۆپ، شۇڭا بىز يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتىمىز، گەرچە ئائىلىمىزدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانساقمۇ، لېكىن بىز ئۆز خىزمىتىمىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز.» گو فاڭنىڭ سۆزىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى، «يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر ئۆيىگە قايتىشىغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى بەخت تەبەسسۇمىنى كۆرگىنىمدە، مەنمۇ ئىنتايىن خۇشال بولىمەن.»

  قىستا- قىستاڭ كىشىلەر ئارىسىدا، قۇچىقىدا بالا، قولىدا چوڭ- كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان چېن خۇڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  چېن خۇڭنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇ شىئەندە خىزمەت قىلغاچقا، ئائىلىسىگە قايتىپ ئاتا- ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ چاغان ئۆتكۈزمىگىلى بىر نەچچە يىل بوپتۇ، بۇ قېتىمقى چاغاندا، ئۇ ئاتا- ئانىسىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، ئايروپىلان بېلىتىنى بالدۇرلا زاكاز قىلغان ئىكەن.

  «قۇچىقىمدا بالا، يەنە نۇرغۇن يۈك- تاقلىرىم بولغاچقا، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، دەرھال شىخوغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇردۇم. يول بويى نۇرغۇن كىشى ماڭا ياردەم قىلدى، مەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» چېن خۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىش ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ئاتا- ئانامنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى كۆرسەملا، قانچە چارچىساممۇ ئەرزىيدۇ.

  شىخو شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېكەت باشلىقى جاڭ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىخو شەھەرلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ «ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ باشقا شەھەرلەرنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى» 1- ئاينىڭ 16- كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، يولۇچىلار بۇ يەردە ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بىۋاسىتە بېجىرسە بولىدۇ، ھەم يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ شىخو شەھىرىدىن ئۇدۇللا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا بارالايدۇ. بىز ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، توردا بېلەت سېتىۋېلىش سىستېمىسى، ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى ئۆزى بېجىرىش، يولۇچىلار ئارام ئېلىش رايونى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى سەپلەپ، يولۇچىلارغا نۇقتا بويىچە، تۈر بويىچە مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يولۇچىلارنىڭ تۇرۇپ قالماسلىقىغا، كەلگەن ھامان مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلارغا قولاي، تېز ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش شارائىتى ھازىرلاپ بەردۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر