ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

باھار كەلدى تىيانشانغا

2019.02.04 16:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2- ئاينىڭ 4- كۈنى، «باش باھار» بىلەن «چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى» خۇشاللىق ئىچىدە بىللە ئۇچراشتى. باھار كەلدى تىيانشانغا، ھەممە كىشى باھاردىن شادلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن چاغاننى بىللە ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى خاتىرىلىدى، ئاممىنىڭ گۈزەل ئارزۇ- ئىستەكلىرىنى ئاڭلىدى، ئىللىقلىققا تولغان خەۋەرلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ قەلبىدىكى مەۋج ئۇرغان ئارزۇغا ئىنتىلىش قىزغىنلىقىنى يەتكۈزدى.

  2- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 11دە، ئۆزى ياسىغان قېزىلارنىڭ سېتىلىپ تۈگەي دېگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۈنەس ناھىيەسى كۈنەس بازىرىنىڭ ئاھالىسى ئەنۋەر باراتجان خوتۇنى بىلەن چاغانلىق جەم بولۇش تامىقىنىڭ پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى.

  بۇلتۇر، ئەنۋەر 50 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ كۇۋاس پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، يەنە قېزا ياساشقا كىرىشتى. ئويلىمىغان يەردىن، قېزىلار شۇ جايدىكى بازاردا بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندى. ئۇنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، خوتۇنى خىزمەت تاپتى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى.

  «ھۆكۈمەت قوللىدى، ئۆزىمىزمۇ تىرىشتۇق، بەخت مۇشۇنداق كۈننى كۈنگە ئۇلاپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە قولغا كەلدى» دېدى ئەنۋەر خۇشال ھالدا.

  ئوخشاش بىر پەيتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىدىكى ئەيجيا تاللا بازىرىدا، شەھەر ئاھالىسى ما لى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چاغانلىق مال سېتىۋېلىۋاتاتتى.

  ما لى مۇنداق دېدى: تۆت ياشلىق ئوغلۇم يەسلىدە ھۆكۈمەت ھەر ئايدا بېرىدىغان 600 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر كۈنى بىر خالتا ھەقسىز سۈت ئىچىدۇ؛ بۇلتۇر ئائىلىمىز ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، بۇنچىۋالا كۆپ ياخشى ئىشنى ئويلىسام قەلبىم يايراپ كېتىدۇ.

  2- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى مۇنار مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ماخمۇت تۇرنىياز داپنى ئېلىپ، خوتۇنى بىلەن بىللە مەھەللىگە نومۇر ئورۇنلاشنى مەشىق قىلغىلى باردى. ساياھەتچىلىكنىڭ شىددەت بىلەن راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ماخمۇتنىڭ ئۈزۈمزار مۇزىكىلىق ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى جانلاندى. «بۇلتۇر 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتۈۋالدىم، تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان كۈتۈۋالغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولدى، بۇ يىل مەن 300 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشقا تىرىشىمەن» ماخمۇتنىڭ سۆزىدىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى.

  «مۇقىم خىزمىتىمىز بار بولدى، يەنە ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمىز، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى لەززەتلىك قىلدى». بۇلتۇر، ئابدۇللا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ۋۇخەنگە بېرىپ خۇاجۇڭ پەن- تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئاشخانىسىدا ئاشپەز بولدى. چوڭ شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، كۆزى ئېچىلدى، ئايدا يەنە مۇقىم كىرىم قىلالايدىغان بولدى، ئۇنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.

  يىلنىڭ ئىشى باھاردىن. باھاردا ئۈمىدكە تولغان ئەنۋەر سانائەت باغچە رايونىدىن 300 كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئۆيىگە ئىلتىماس قىلدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇ يەنە يېڭى زاۋۇتنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ؛ ما لى يېڭى بىر يىلدا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلدى؛ ماخمۇت يەنە بىر قانچە مۇلازىم قوبۇل قىلىپ، كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى؛ ئابدۇللا تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىشنى ئويلىدى.

  (مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، گۇ شۆلى، جاڭ يەنفاڭ، لۇ فېڭباۋ، جاڭ رۈيلىن يازغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان