ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

50 نەپەر پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئاساسىي قاتلامغا باردى

2019.02.03 15:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغاننى كۈتۈۋېلىپ بايرام ئۆتكۈزۈش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاممىنى زىيارەت قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، تەر چىققۇدەك ئىشلەش. 2- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)نىڭ 2- تۈركۈمدىكى «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى. 50 نەپەر پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىدىن تەشكىللەنگەن 14 زىيارەت كىچىك ئەترىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلدى. ئۇلار يېزىق، سۈرەت، سىن قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سىزگە چاغان مەزگىلىدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى يېڭى، جانلىق خەۋەرلەرنى سۇنىدۇ.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بۇ يىلقى چاغان كىشىنى ئالاھىدە تەقەززا قىلدى: قاتناش قوراللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىنى قىسقارتتى؛ يېزا- كەنت يولى پۈتكۈل كەنتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى چاغاندا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى؛ بۇ يىل چاغانلىق تاماقتا يەنە قانداق يېڭى ئۆزگىرىش بولدى؛ «كەنتىمىزنىڭ چاغانلىق كېچىلىكى»نىڭ ئارقىسىدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان قانداق ھېكايىلەر بار...

  ئامما قەيەردە بولسا، ئاساسىي قاتلام قەيەردە بولسا، يېڭى دەۋرنىڭ ھېكايىسى ۋە خەۋىرى شۇ يەردە. يېڭى باھارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، تۇرمۇشقا چۆكۈپ، قەلىمى ۋە كامېراسى ئارقىلىق سىز ۋە مېنىڭ يېنىمدا يۈز بەرگەن ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىدىيەسى، ئىللىقلىقى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۈمىدى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان گەي يوۋجۈن مۇنداق دېدى: «2019- يىللىق چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش پائالىيىتى شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن پۈتۈن تاراتقۇ شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم خەۋەر قىلىش جېڭى. ئۇنىڭغا قاتنىشالىغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم ھەم تولىمۇ ئىنتىزار بولدۇم. بىز چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يەرلىك پۇراققا ئىگە، مەزمۇنلۇق، ھارارەتلىك ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاخبارات سېپىدىكى پېشقەدەم جەڭچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يەنە بۇ قېتىمقى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ يېڭى تاراتقۇ، كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇلارنى ئىشلىتىش قابىلىيىتىمنى ۋە ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن».

  چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك- تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) قارىمىقىدىكى شىنجاڭ گېزىتى، تىيانشان تورى قاتارلىق نۇرغۇن تاراتقۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم بەت، مۇھىم ئورۇنلاردا «چاغاندا ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، يېزىق، سۈرەت، ئۈن، سىن، H5 قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، سىزگە ئۆزگىچە خەۋەرلەرنى سۇنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان