ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چۈنليەنلەر چاپلاندى، پانۇسلار ئېسىلدى

قەشقەردە چاغان پۇرىقى ئۆزگىچە قويۇق بولدى

مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن

2019.02.02 16:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلايلى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ چاغاننى كۈتۈۋالايلى». كەنتنىڭ 1- شۇجىسى ليۇ يۈەنشىن ئورۇندۇققا چىقىپ دۈيليەننى قورۇ ئىشىكىگە چاپلىغاندا، تۇتىگۈل داۋۇت كۈلۈپ تۇرۇپ: «چاغان ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق!» دېدى.

  1- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ يىڭنەقاش كەنتىدە، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ يىڭنەقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 63 ياشلىق تۇتىگۈلگە ياردەملىشىپ چاغانلىق چۈنليەن چاپلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  چاغانغا ئاز قالغاندا، مۇخبىر قەشقەرنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدا ئايلىنىپ، ھەممە يەردە كۆزنى چاقنىتىدىغان جۇڭگو قىزىلى، دۆلەت بايرىقى، رەڭلىك بايراق، قىزىل پانۇس، قىيما گۈل، چۈنليەنلەر بىلەن چوڭ- كىچىك كوچىلارنىڭ بېزەلگەنلىكىنى كۆردى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى، تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈنليەن چاپلاپ، پانۇس ئېسىپ، «ئائىلىۋى سۈرەت»كە چۈشۈۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى.

  1- ئاينىڭ 26- كۈنى، قەشقەر گېزىتخانىسىنىڭ مۇخبىر، مۇھەررىرلىرى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ قىياغلىق كەنتىگە بېرىپ، «مەن تۇغقىنىمغا چۈنليەن يېزىپ بەخت تىلەيمەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. قاتار تىزىلغان ئۇزۇن ئۈستەللەرنى كەنت ئاھالىلىرى زىچچىدە ئورىۋالغانىدى، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرى قەلەم تەۋرىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھەر خىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان «بەخت» خېتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيەلەش، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش مەنىسىدىكى چۈنليەنلەرنى يېزىپ سوۋغا قىلدى.

  بايرام تەبرىكلەنگەن سۆزلەر ئۇلارنىڭ قەلىمىدىن تىزىلىپ چىقىشقا باشلىدى، قىپقىزىل دۈيليەنلەر كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتمەكتە ئىدى، قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان چۈنليەنلەرگە كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ- ئىستەكلىرى ۋە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى سىڭگەنىدى. كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە بايرام تەبرىكلەنگەن چۈنليەنلەر ۋە «بەخت» خېتىنى قوللىرىغا ئېلىپ، مۇخبىر، مۇھەررىرلەر بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  تۇغقانلىرىغا بايرام تۈسى قويۇق چاغان ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىدىن تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن 60 كادىر كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سوۋغاتلىرى ۋە چۈنليەنلەرنى ئېلىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار تۇغقانلىرى بىلەن بىللە دەرۋازىلارغا چۈنليەنلەرنى چاپلىدى.

  قۇر- قۇر يېزىلغان چىرايلىق ھۆسنخەتلەر، جۈملە- جۈملە بەخت تىلەش سۆزلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى بەكمۇ خۇش قىلدى. بېزىلىپ يېڭى قىياپەتكە كىرگەن ئىشىككە قاراپ، تۇغقانلار ھاياجان بىلەن بەس- بەستە: «بۇ چاغان ھەقىقەتەن باشقىچە بولدى!» دېيىشتى.

  «يىپەك يولىغا مۇھەببەت باغلىنىپ، دىققەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، چاغان كېلىشى بىلەن تىيانشان تېغى كۆكىرىپ، يېڭى دەۋر ئارزۇسى پۈتۈلدى». 1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىدىن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ ئۇرۇنباستى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەنت ئاھالىسى بۇخەلچەم ئوبۇلنىڭ چۈنليەن چاپلىشىغا ياردەملىشىۋاتاتتى.

  يۇرتقا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈنليەننىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇخەلچەم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ۋە يۇرتقا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيۈمگە چۈنليەن سوۋغا قىلغانلىقىغا رەھمەت. مەن چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. بۇ يىل مەن تېخىمۇ تىرىشىپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن».

  «ھەممە ئائىلە چۈنليەن چاپلاپتۇ، توق قىزىل رەڭگە قارىسىلا بايرام شادلىقىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن، مانا بۇ چاغان ئۆتكۈزگەنگە ئوخشىدى!» دېدى كەنت ئاھالىسى ھەسەلخان مۆمىن ھاياجانلانغان ھالدا.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن كەنتتىكى 800 نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىگە پانۇس، چۈنليەن ۋە دۆلەت بايرىقى ئاپىرىپ بەردى ھەم نامرات ئاممىدىن ھال سورىدى.

  1- ئاينىڭ 30- كۈنى، مۇخبىر قەشقەر شەھىرىنىڭ خەلق شەرقىي يولى، ئازادلىق شىمالىي يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدە 23 مىڭ گۈللۈك پانۇسنىڭ ئېسىلىپ، قەشقەر شەھىرىگە قويۇق بايرام كەيپىياتى قوشقانلىقىنى كۆردى.

  ئۇزاققا سوزۇلغان جۇڭگو ئۇسلۇبى، قويۇق مىللىي ئۆرپ- ئادەت پۇرىقى. بايراملىق چۈنليەنلەر، قىپقىزىل پانۇسلار، رەڭدار گۈللۈك پانۇسلار قەشقەرنىڭ شەھەر، يېزىلىرىنى رەڭدار دېڭىزدەك ياساندۇرۇپ، بۇ جاينى شاد- خۇراملىققا چۆمگەن دۇنياغا ئايلاندۇرغانىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر