ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تۇنجى ئىش غەلىبىلىك باشلاندى

1- ئايدا شەھەر- بازارلاردا 41 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر 137 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2019.02.02 16:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە نۇقتىلىق توپلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس تۈر پائالىيەتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى يىلدا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى ساقلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1- ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر- بازارلىرىدا 41 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.13 ئاشقان؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەر 137 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3 ئاشقان؛ شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس كىشىلەردىن 3205ىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردە 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش ساقلانغان؛ تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە 146 مىڭ 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلەنگەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 41 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، %38.83 ئاشقان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 1- ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدە ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، شەھەر- بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، 22 مىڭ 700 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.6 ئېشىپ، شەھەر- بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ %54.69 ىنى ئىگىلىگەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن. 1- ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى شەھەر- بازارلاردا 11 مىڭ 400 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.96 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەھەر- بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %27.43ىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەھەر- بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئاساسىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانغان؛ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەردىن 49 مىڭ 300 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىدىن 2424 كىشى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 1- ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى ئانالىز قىلىنغان، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى: كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.26 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 12 مىڭ كىشى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىڭ 100 كىشى؛ 3- كەسىپنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسلىق يولىلىق رولى گەۋدىلەنگەن، شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچىدە، 3- كەسىپكە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 24 مىڭ 600 كىشى بولۇپ، شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %59.28ىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.15 ئېشىپ، 3- كەسىپنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى يەنىمۇ كېڭەيگەن؛ ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇختا قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 3151 كىشى بولۇپ، ئاساسلىقى كىيىم- كېچەك پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ياساش، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، چاغاننىڭ ئالدى- كەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش ئېيى مەخسۇس ھەرىكىتى، «باھار شامىلى ھەرىكىتى» قاتارلىقلار ئارقىلىق، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى تۈگىتىلگەن كارخانىلاردىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارغا قارىتا، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، مەخسۇس تەكلىپ قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، كەسىپلەرگە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە ھەقىقىي پۇختا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر