ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون پاكىز ئىسسىنىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2019.01.31 17:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق 12 نازارەت، ئىدارە بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاكىز ئىسسىنىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2018 − 2021- يىل)»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويغان.

  «لايىھە»دە مۆلچەرلىنىشىچە، 2021- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ئىسسىنىش قۇرۇلۇش كۆلىمى ئېھتىياجى 907 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 2017- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭىدىن ئىسسىنىش كۆلىمى تەخمىنەن 227 مىليون كىۋادرات مېتىر كۆپىيىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى بىرقەدەر زور بولىدىكەن.

  «لايىھە»دە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسسىقلىق مەنبەسى، ئىسسىقلىق تورى قۇرۇلۇشى نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2021- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاكىز ئىسسىنىش كۆلىمى 326 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان ھەم ئۆزگەرتىلگەن ئىسسىقلىق تورىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1050 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1- دەرىجىلىك ئىسسىقلىق تورى 290 كىلومېتىر، 2- دەرىجىلىك ئىسسىقلىق تورى 760 كىلومېتىر بولىدۇ.

  ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بىنالارنى كۆپەيتىش جەھەتتە، 2021- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون شەھەر- بازارلىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنىدىغان بىنالاردا دۆلەتنىڭ بىنانى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىش مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچىمى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا شەھەرلەردىكى يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئولتۇراق بىنالارنىڭ %75ىدە بىنانى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىش مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئېنېرگىيە تېجەشنى يولغا قويىدىغان بىنالارنىڭ كۆلىمى 270 مىليون كىۋادرات مېتىر بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر- بازارلاردىكى يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بىنا ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىغان بىنا كۆلىمى 220 مىليون كىۋادرات مېتىر، يېزىلاردىكى يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بىنا ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىغان بىنا كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىليون كىۋادرات مېتىر بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىدار سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاكىز ئىسسىنىش خىزمىتىنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلارنىڭ «لايىھە» دىكى تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسەن خىزمەت لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشىگە، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، 2021- يىلىغا بارغاندا بەلگىلەنگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر