ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قەھرىتان قىشتا تۇغقان يوقلاش توختاپ قالمىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى

مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر

2019.01.31 17:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «ياخشى تۇغقىنىم، يېڭى يىلدا بارلىق ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن، بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ قاينام- تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزەيلى».

  «قەلبىم ھەر كۈنى شادلىققا تولىدۇ، سىلەر ئاۋامنىڭ ئىشىنى قەلبىڭلارغا پۈكتۈڭلار، بىزنىڭ كۆڭلىمىز خاتىرجەم بولدى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدۇق».

  «كەنتىمىزدىكى چاغانلىق كېچىلىك سەھنىسىدە ئۆزىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويايلى، ئاچا- سىڭىللار، تېزرەك كېلىڭلار، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە بىر قېتىم رېپېتىتسىيە قىلايلى».

  ......

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، تىيانشاننىڭ جەنۇب- شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خۇشال، خاتىرجەم- تىنچ كەيپىيات نامايان بولدى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇردى، كەڭ كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت تۇغقانلار جەم بولۇشۇپ، ياخشى تەدبىر ئۈستىدە ئويلىنىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ، مېھىر- مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىپ، كاتتا بايرامنى كۈتۈۋالدى، بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئورتاق ئۆگەندى... بەخت كۈلكىسى ھەممە كىشىنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەندى.

   ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەپ، تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش

  زىمىستان قىشتا، قەشقەردە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئون نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەنىدى. ھويلا- ئارانلارنى تازىلاش، ئۆيلىرىنى يىغىشتۇرۇش... 1- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەتىگەندىلا، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى چاجاڭ كەنتى ئاھالىسى ئېزىز ئىمىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كېچە- كۈندۈز سېغىنىدىغان تۇغقىنى بىلەن قايتا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، ئېزىزنىڭ قەلبى قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدەك يورۇپ كېتەتتى.

  چۈشكە يېقىن، كەنت ئاھالىلىرى تەقەززالىق ئىچىدە ئارقا- ئارقىدىن كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىغا كېلىپ تۇغقانلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. «تۇغقىنىم ھەر قېتىم يېڭى چارە- تەدبىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، تۇغقىنىمنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر مەن ئۆيۈمنى قايتىدىن بېزىدىم، باش ئەتىيازدا يەنە مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا سېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن». ئېزىز مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىم يەنە مېنى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئاساس سېلىشقا ئىلھاملاندۇردى، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن...» بىر يىل ئىلگىرى، ئېزىزنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئالتە قويلا بار ئىدى، تۇغقىنىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە قوللىشىدا، بۈگۈنكى كۈندە قويى 23كە، قوزىسى سەككىزگە يەتتى، بۇلتۇر قوي سېتىپلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، ئېزىز تولىمۇ خۇش بولۇپ كەتتى.

  پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىغا كىرىپ كەلدى، قورۇ بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى. «ئاكا، كۆرۈشمىگىنىمىزگە بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغاندەك بىلىنىپ كەتتى». «سىڭلىم، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشىمۇ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى قانداقراق...» كۆرۈشۈپلا كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن پاراڭلىرى تۈگىمەي قالدى.

  ئېزىز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كادىرى ئابدۇسالام قادىرنىڭ قولىدىن يۈك- تاقلارنى ئېلىپ، پاراڭلاشقاچ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، ئېزىزنىڭ ئۆيىدىكى ساغلىقلارنىڭ قوزىلاشقا ئاز قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئابدۇسالام قەدەملىرىنى تېزلەتتى. ئۆيگە كىرىپلا، ئابدۇسالام بىلەن باشقا ئىككى كادىر قوتاننى رەتلەپ، ساغلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش بىلەن بولۇپ كەتتى. سائەت ئىسترېلكىسى «چىك- چىك» قىلىپ ئايلانماقتا ئىدى، ئۇلار يېڭى تۇغۇلغان بەش قوزىنى كۆرۈپ، خۇشال بولۇشۇپ كەتتى.

  خۇشاللىقىدىن ئېزىزنىڭ ئېغىزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل <ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر> دېگەن سۆز كەنتتە مودا سۆزگە ئايلاندى. مەن ئابدۇسالام ئاكامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بۇلتۇر قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئىشلەپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم، مەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىمەن».

  1- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدىكى بازار قىزىپ كەتكەنىدى، يۇرتداشلار يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ، بازارغا كېلىپ نازۇنېمەتلەرنى يەپ، كىيىم- كېچەك سېتىۋېلىشتى. ئەسقەر ئوبۇل كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بازاردا بىر دۇكىنى بار بولدى، ئۇ راڭپىزىخانا ئاچقان بولۇپ، كۈنىگە 200 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ. «شەھەردىكى تۇغقىنىم بىزنى پات- پات يوقلاپ كېلىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقساق، دەرھال ھەل قىلىپ بېرىدۇ، پارتىيە مۇشۇنداق ياخشى تۇغقاننى يېنىمىزغا ئەۋەتتى، مەن غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن» دېدى ئەسقەر قەتئىيلىك بىلەن.

   پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش

  «بەخت» خېتىنى يېزىش، چۈنليەن چاپلاش، پانۇس ئېسىش، نومۇر تەييارلاش... چاغان يېقىنلاشتى، چاغان پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىشتى. 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يار بېشى كەنتىنىڭ ئاھالىلەر پائالىيەت مەركىزىدە، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى خەتتاتلىق كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىرى جاڭ يۈ بىلەن ياڭ شىڭيۈ پۈتۈن زېھنى بىلەن چۈنليەن يېزىۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇلارنى قاتمۇقات ئورىۋېلىشقان بولۇپ، كۆزلىرى موي قەلەمگە تىكىلگەنىدى، «بەخت» خېتى قىزىل قەغەز ئۈستىدە ئايان بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى ماختىشىپ كەتتى.

  «مۇئەللىم، مەنمۇ يېزىپ باقاي». 6- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى نەفىسە ئىلغار مۇئەللىمنىڭ يېنىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ چوڭ كۆزلىرىدىن جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى چىقىپ تۇراتتى. «كېلىڭ، مەن سىزگە يېزىشنى ئۆگىتىپ قوياي، يېزىپ بولۇپ ئۆيىڭىزگە چاپلاپ قويۇڭ». جاڭ يۈ قولمۇقول ئۆگەتتى، نەفىسە ھەربىر بىخۇا بويىچە ناھايىتى ئەستايىدىل يازدى.

  سىياھ پۇرىقى تارقالدى، كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە «بەخت» خېتىنى يېزىش، چۈنليەن يېزىش قوشۇنىغا قېتىلدى. «چاغان ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك، قىپقىزىل چۈنليەن ۋە <بەخت> خېتىنى ئۆيىمىزگە چاپلىدۇق، تەبرىكلەشكە ۋە قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغان ئىش بولدى» دېدى كەنت ئاھالىسى روزىگۈل سىدىق چۈنليەننى ئاۋايلاپ سىلاپ.

  كەنت ئاھالىسى گۈلى توختاخۇن 2- ئاينىڭ 1- كۈنى كەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغانلىق كېچىلىك سەھنىسىدە پۇتۇڭخۇادا كۈەيبەن ئورۇنلايدۇ، ئۇ بىر چۈنليەننى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە بىز پۇقرالارنىڭ غېمىنى يېدى، بۇنىڭدىن قەلبىمىز ئىللىدى، بۇ يىل بىز بەخت نىشانىغا قاراپ تېخىمۇ تىرىشىمىز».

  1- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى تېتىر مەھەللىسى مەجلىسخانىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى، پىچان ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى، ناھىيەلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ تېتىر مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى 75 ياشتىن ئاشقان 14 ياشانغان كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، ئۈستەلدىكى تۇغۇلغان كۈن تورتىدىن مەززىلىك پۇراق چىقىپ تۇراتتى.

  76 ياشلىق ئۆمۈر چولپىنى غۇلام نەمۇنىڭ كۆزىدىن خۇشاللىق ياشلىرى تۆكۈلدى، ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر تۇغقانلىرىمىز بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك».

   مەركىزىي شەھەرنى ئايلىنىپ، مىللەتلەر مېھرىنى بىرلىكتە بايان قىلىش

  «جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە كۈيى جاراڭلار ياڭراق، كۈيلەپ سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنى، بۇنىڭدىن كېيىن بولىمىز باي- ئاۋات...» 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا ماڭغان ئاپتوبۇستا ناخشا ئاۋازى ياڭراپ، كۈلكە ساداسى ئۈزۈلمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى توغراق كەنتىدىكى 30 كەنت ئاھالىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنى تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە بايان قىلىشتى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنى سەيلە قىلىش... ھەر كۈنلۈك پائالىيەت ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. «خوتۇن، قاراڭ، بۇ يەر يازدەكلا ئىكەن، يەنە نۇرغۇنلىغان ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە مېۋىلەر بار ئىكەن. بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى نېمىدېگەن تېز، كېلەر قېتىم سىزنىمۇ ئېلىپ كېلىپ كۆرسىتەي». كەنت ئاھالىسى ھامۇت سۇك يىراق كەنتتىكى خوتۇنىغا سىن ئەۋەتىپ، خوتۇنىغىمۇ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىنى بىللە ئايلانغاندەك تۇيغۇ بەردى.

  شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا، كەنت ئاھالىسى ئەكبەر ئوبۇل تۆت ياشلىق قىزىغا پوپايكا، كۆڭلەك، ئوغلىغا ئويۇنچۇق ماشىنا سېتىۋالدى. «بۇ قېتىم مەن نۇرغۇن سىن تارتتىم، قايتقاندىن كېيىن يۇرتداشلارغا، بالىلارغا كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئۈرۈمچىنىڭ كۈنسايىن ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرىمەن» دېدى ئەكبەر.

  باغچە ئايلىنىش، كىنو كۆرۈش، شىنجاڭ پەن- تېخنىكا سارىيى ۋە مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى ۋە خۇڭگۇاڭشەن خەلقئارا يىغىن كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىش... 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازار جەمى يېزىسىدىن كەلگەن 38 ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئۈرۈمچىدە خۇشال چاغلىرىنى ئۆتكۈزدى.

  تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىش، تۇنجى قېتىم مۇزېيغا كىرىش، تۇنجى قېتىم كىنو كۆرۈش... قىسقىغىنا نەچچە كۈندە، ئون ياشلىق خانزۆھرە ياسىن باشقا بالىلارغا ئوخشاش كىشىلىك ھاياتىدىكى نۇرغۇنلىغان «تۇنجى قېتىم» بەخش ئەتكەن ھاياجانلىق ھېس- تۇيغۇلىرىغا چۆمۈلدى. «ئۈرۈمچى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن، نۇرغۇن ئېگىز بىنا بار ئىكەن، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، مەن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە داشۆگە ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىدەك مۇشۇنداق رەڭگارەڭ دۇنيادا ياشايمەن». خانزۆھرەنىڭ سەبىي قەلبىدە ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەنگەنىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر