ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلار ئېنېرگىيە تېجەش تۆۋەن كاربون ھەرىكىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى

ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىگە تەدرىجىي سىڭدۈرۈلدى

2019.01.27 15:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئورگان، ئورۇنلارنىڭ ئىشخانىلىرىغا كىرسىڭىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش چىراغلىرىنىڭ يېقىملىق نۇر چېچىپ تۇرغانلىقىنى، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىش خىزمىتىدە ئوخشىمىغان تۈردىكى ئەخلەتلەرنىڭ «ئۆز ئورنى»نى تاپقانلىقىنى، كېرەكسىز سۇ يىغىۋېلىش، پايدىلىنىش سىستېمىسىدا كېرەكسىز سۇدىن تەكرار پايدىلىنىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى...... كۆرىسىز. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى ئاممىۋى ئاپپاراتلاردا كىشىلەر قەلبىگە تەدرىجىي سىڭىپ، بىر تامچە سۇنىمۇ، بىر ۋات توكنىمۇ، بىر ۋاراق قەغەزنىمۇ تېجەش ھەربىر كىشىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈشنى چۆرىدەپ، ئېنېرگىيەنى تەپتىش قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش، ئېنېرگىيە تېجەش يېڭى تېخنىكىسى ۋە يېڭى مەھسۇلاتىنى قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بىرلىك قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە كىشى بېشى سۇ سەرپىياتى ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى سەرپىياتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى بىرلىكتە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئاممىۋى ئاپپارات ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 65 نى ئېلان قىلدى. ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئاممىۋى ئاپپارات ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىدىكى باشلامچى ئورۇندىن ئالتىنى، دۆلەت دەرىجىلىك ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 90 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئاممىۋى ئاپپارات ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 125 نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ ۋە ئۇلارغا نام بېرىپ، بىر تۈركۈم باشقۇرۇشى ئىلمىي، ئىنچىكە بولغان، بايلىقتىن پايدىلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، ئىقتىسادچىل- تېجەشلىك بولۇشنى قەدىرلەيدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى تىكلەپ، ئۇلارنىڭ تىپىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى دۆلەت ئاممىۋى ئاپپاراتلىرى بويىچە ئېنېرگىيە ئۈنۈمىدىكى باشلامچى ئورۇننى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلغۇچى ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2010- يىلىلا خىزمەت بىناسىدا تۇرمۇش كېرەكسىز سۈيىنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، كېرەكسىز سۇنى تەكرار ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2016- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت بۇلۇتىنى قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى- تاشقى تورلۇق 58 مۇلازىمېتىرنىڭ ھەممىسىنى سىرتتىكى بۇلۇت ھېسابلاش مەركىزىگە يۆتكەپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئاپپارات ئۆيىنىڭ ئېنېرگىيە تېجىشىنى %80كە يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاممىۋى ئاپپارات ئېنېرگىيە تېجەش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى پەن شياۋلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرى باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى ئاپپاراتلارنى ئېنېرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشقا پائال يېتەكلىدى ھەم كۆرسىتىلىدىغان ئورۇنغا كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلار 250 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ھاۋا تەڭشەش، يورۇتۇش، لىفىت قاتارلىق نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش سىستېمىلىرىدا ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئاممىۋى ئاپپاراتلارنىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىك ئامبىرىنى يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 434 ئاممىۋى ئاپپاراتنىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئورنىنى بېكىتىپ، 82 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق قۇرۇلۇش كۆلىمىدە ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان