ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتايلى، كۈچەيتەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2019.01.26 17:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى بىر چوڭ يۈزلىنىش، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بىر چوڭ سەھىپە.

  1- ئاينىڭ 25- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدا 12- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، «دەرسخانا»نى خەلق گېزىتخانىسىنىڭ تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى سېپىگە تەسىس قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش، مۇزاكىرە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئېلىپ باردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى خىرىس ۋە پۇرسەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم، زور تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىنى چوڭقۇر كۆزىتىشى، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلمىي پىلانلىشى پارتىيەمىزنىڭ ئۇچۇرلىشىش چوڭ ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىگە ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى، بۇ بىزنىڭ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشتىكى زور ئىش. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، بىز تۈزۈلمە- مېخانىزم، سىياسەت- تەدبىر، تەرتىپ باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يۇغۇرما تارقىتىش سېپىنى بەرپا قىلىپ، «بازىرى ئىتتىك» يۇغۇرما مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇغۇرما تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېچىپ، ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيە كەيپىياتىنى يېڭىلىدۇق. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى تامامەن توغرا. پەقەت يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىنى قوللىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئاكتىپ كۈچنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن، ئاساسىي مېلودىيەنى تېخىمۇ ياڭراتقاندىلا، ئاندىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.

  «تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر». بۈگۈنكى ئۇچۇر ئىنقىلابىدا، بىز بۇ تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى تۇتۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن دەۋرگە يېتىشىۋالدۇق. بۇ تارىخىي مۇساپىدە، ئالاقە تورى دەۋر بۆلگۈچ قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى تارقىتىش ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولدى، بىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىگە كىرىشىمىزگە تۈرتكە بولدى، ئۇچۇر ھەممە يەرنى قاپلىغان، ھەممە يەرگە يېتىپ بارغان، ھەممە كىشى تولۇق پايدىلىنىدىغان بولۇپ، ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسى، تاراتقۇ ۋەزىيىتى ۋە تارقىتىش ئۇسۇلىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى يېڭى خىرىس ۋە پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. بۇلتۇر 6- ئايغىچە، دۆلىتىمىزدە تور ئەھلى 800 مىليوندىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئىچىدە يان تېلېفون تور ئەھلى %98.3نى ئىگىلىدى. بەلگىلىك مەنىدىن ئېيتقاندا، كىم ئالاقە تورىنى ئىگىلىسە، شۇ دەۋرنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي پۇرسىتى ئالدىدا، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنى كۈچلۈك تارقىتىش كۈچىگە، يېتەكلەش كۈچىگە، تەسىر كۈچىگە، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىگە ئىگە قىلىپ، توردا، تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى غايە- ئېتىقاد، قىممەت ئېڭى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە بىردەك زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن تاراتقۇ قۇرۇپ چىقىش بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەخىرسىز تېما. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپكە ئاساسەن، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك تەسىر كۈچىگە، رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلىشىمىز؛ كۆچمە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى كۆچمە تارقىتىشنىڭ ياردىمىدە، تارقىتىش ئېگىزلىكىنى مەھكەم ئىگىلىتىشىمىز؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز؛ ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇ قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىمىزنى تېخىمۇ سۈزۈلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنىڭ تەسىر كۈچى دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرسەك، بىز ئاممىۋى پىكىر مەيدانىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ئوچۇق تارقىتالايمىز، تېخىمۇ كەڭ تارقىتالايمىز، تېخىمۇ چوڭقۇر تارقىتالايمىز.

  تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى − دەۋرنىڭ يۆنىلىشى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى. كىمكى چوڭ ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىگە يېتەكچىلىك قىلالىسا، شۇ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەيدۇ. دولقۇندا مەزمۇت تىك تۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگىرىش ياساش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتساقلا، يۇغۇرۇلۇش كۈچى ئارقىلىق ئاساسىي ئېقىم بازىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتساقلا، بىز چوقۇم ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر