ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ پارتكوم شۇجىلىرى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش- تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى

پارتىيە بايرىقىنىڭ باشتىن- ئاخىر مائارىپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2019.01.25 14:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپ پارتكوم شۇجىلىرى، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش- تەكشۈرۈش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە بايرىقىنىڭ باشتىن- ئاخىر مائارىپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا، 15 ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىسى، 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئايرىم- ئايرىم خىزمىتىدىن دوكلات بەردى ياكى يازما دوكلات بەردى ھەم باھالاشنى قوبۇل قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مائارىپ سىستېمىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي فۇنكسىيەلىك، سىياسىي يېتەكچىلىك رولى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلار، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئىلغارلىقى، پاكلىقى سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مائارىپ سىستېمىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، «توغراق روھى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، باشتىن- ئاخىر سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش، ياچېيكىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، زور كۈچ بىلەن پارتىيەنىڭ تەشكىلاتلىرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيەنىڭ خىزمىتى، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ كۈچىنى زورايتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش خىزمىتى ۋە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىناق- مۇقىم بولغان مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، دەرسلىك باشقۇرۇش، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مائارىپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى، كەسپىي مائارىپنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەمدەم بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى تۇتۇپ، باش رولنى ياخشى ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، مائارىپ ئوقۇش- ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر