ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ قارارلىرى

(2019- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2019.01.19 18:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

                        ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2019- يىللىق خىزمەت ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان- ۋەزىپىلىرىگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات» ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاشنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، ئاشۇرۇش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خامچوتى توغرىسىدىكى قارار

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات» ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاشنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، ئاشۇرۇش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك مالىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

         ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى مۇدىر شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسىي ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

           ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2019- يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ- ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

            ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى باش تەپتىش لى يۇڭجۈن بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2019- يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

  يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ- ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك ئەدلىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر