ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى چىڭىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2019.01.15 16:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ، ئۇللۇق خىزمەت، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، خىسلىتىنى ساقلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  «<تۆت ئاڭ>نى كۈچەيتىش، <تۆت ئىشەنچ>نى چىڭىتىش، <ئىككىنى قوغداش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش كونكرېت بولۇپ، ئابستراكت ئەمەس، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار چوقۇم بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆزىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىشى، ئۆزىگە تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.» 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزانغا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشىنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتتى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. لېكىن، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ»، كۆزىتىپ نازارەت قىلىش، كۈندىلىك نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەردىن قارىغاندا، بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇشىدا يەنە «تېمپېراتۇرا پەرقى، چۈشۈش پەرقى، ئېغىش پەرقى» مەۋجۇت. مەسىلەن، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قۇرۇق شوئار توۋلاش، كۆڭۈل قويماسلىق، ئەمەلىيەتچىل بولماسلىق، قاتتىق كۈچىمەسلىك، شەكىلۋازلىق قىلىش، ساختىلىق بىلەن ئىش كۆرۈش؛ مەسىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا يەنىلا يېرىم- يارتا قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش، تاللاپ قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەۋاتىدۇ، توختىماي كەينىگە سۆرەۋاتىدۇ؛ مەسىلەن، رەھبىرىي كادىرلىق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئارىلىشىۋېلىش قىلمىشىغا قارىتا، پىرىنسىپنى تەكىتلىمەسلىك، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش، ھەتتا ھۆكۈمەت ھېسابىغا مەردلىك قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش. ئومۇمەن مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتا، ئەڭ مۇھىمى بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، ئەڭ نېگىزلىكى بۇيرۇق، تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشتا.

  «بىلىش ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى، ھەرىكەت بىلىشنىڭ ئورۇندىلىشى». رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆزىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىش، ئۆزىگە تەلەپ قويۇش، ئۆزىنى تەكشۈرۈشتە، چوقۇم ئىدىيە جەھەتتە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە سىياسىي ماھىيەتلىك مەزمۇننى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوقۇم قەتئىي، كەسكىن، كەم- كوتسىز، پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلە ۋە چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق ئالدىدا، چوقۇم مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن بولۇشى كېرەك. شەخسىيەتسىز بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى توغرا قوغداپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، پەرزەنتلىرى، ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئارىلىشىۋېلىش، نەپ ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا، ئۆزىنى مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بار دەۋالغان كىشىلەرنىڭ قويغان تەلىپىنى چوقۇم قەتئىي توسۇشى كېرەك. پارتىيە ئىچىدە ساغلام بولغان پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، پاك يولداشلىق مۇناسىۋەت، تەرتىپلىك يۇقىرى- تۆۋەن دەرىجىلىك مۇناسىۋەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاپاق- چاپاق بولۇش، ماختاپ ئۇچۇرۇۋېتىش، خۇشامەت قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتنى قەتئىي توسۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشى، ساپلاشتۇرۇشى كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلنىڭ قارارى ۋە تەشكىلنىڭ ئىش تەقسىماتىغا بويسۇنۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ساغلام خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، باشقۇرۇۋاتقان ئومۇمنىڭ بايلىقىنى شەخس ياكى ئورۇننىڭ ئادەمگەرچىلىك قىلىش، مۇناسىۋەت باغلاش، مەنپەئەتنى كۆزلىشى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

  «ئۈلگە كۆرگىلى بولىدىغان پەلسەپەۋى قائىدە». باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا- قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇشتا، چوقۇم «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشتا، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئاچقۇچلۇق رولغا ئىگە. ئەمىلى قانچە يۇقىرى بولغانسېرى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ بويىچە ئۆزىگە شۇنچە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەۋىلىكى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن ياخشى باشلامچى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن قاتلاممۇقاتلام ئۈلگە كۆرسىتىش، قاتلاممۇقاتلام تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ئاندىن چوڭقۇر ئۆگىنىپ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە پەزىلەت كۈچىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر