ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2019.01.14 14:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەڭ پەۋقۇلئاددە مۇۋەپپەقىيەت باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىش؛ ئەڭ قىممەتلىك چىدامچانلىق ئۇزاققىچە ئازاب- ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈش ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش.

  «جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدە قەدەمنى بىردەك ئېلىش، ھەرىكەتتە بىرتۇتاش بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ جەزمەن پاسسىپلىق، چىرىكلىك ھادىسىلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ پاك- دۇرۇس سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.» 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش جەزمەن» بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى. بۇ ئىلمىي خۇلاسە بىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى يېپيېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىزنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت». قانداق قىلغاندا «بەل چىڭ» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئۆزىنى تاۋلاش ۋە چېنىقتۇرۇش ئاچقۇچ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە شۇنى ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىش پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ روشەن بەلگىسى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە يۈرۈش قىلىشىدىكى ئاچقۇچ. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پىچاق بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى جاھىل كېسەلنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئاجايىپ زور قۇدرەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەلىپىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. 40 يىللىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىسى بىزگە شۇنى چوڭقۇر ئۇقتۇردى: جەزمەن ئۆزىمىز ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. پارتىيەمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «بەش جەزمەن» ھەم ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، ھەم ئۆزى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىنقىلاب قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. «بەش جەزمەن»دە چىڭ تۇرۇشتا ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچ. ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇشتا ئارىلاشمىلارنى سۈزۈش، زەھەرنى تۈگىتىش، زەھەرلىك ئۆسمىنى كېسىپ تاشلاش كېرەك؛ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇسكۇللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، فۇنكسىيەنى بېيىتىش كېرەك؛ ئۆزىنى يېڭىلاشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئۆزىدىن ھالقىش كېرەك؛ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتە يېڭى ماھارەت بولۇش، يېڭى مەنزىل بولۇش كېرەك. ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش پارتىيە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەسىلىلەرنى بايقاش، پەرقلەرنى تۈزىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت بىز باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، سۆڭەكنى قىرىپ، زەھەر تازىلاشتەك جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تۈگەتسەكلا، پارتىيە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن شارائىتتا ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك يولنى شەكىللەندۈرەلەيمىز.

  پارتىيەمىز ئىنقىلاب ۋەجىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن سىياسىي گېن، پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىق ۋە ساپلىقنى مەڭگۈ ساقلاشتىكى غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى. «بەش جەزمەن»دە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، بىز كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئۆزىمىزدىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ قوشالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان