ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4- نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسى

2019.01.12 16:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4- نومۇر ۋەزىپىسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەم ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4- نومۇر ۋەزىپىسىگە قاتناشقان بارلىق يولداشلار:

  ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چاڭئې 4- نومۇر ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر- جەڭچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

  چاڭئې 4- نومۇر ۋەزىپىسى دۆلىتىمىز ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۆتىنچى قارارىدىكى تۇنجى قېتىملىق ۋەزىپە، بۇنىڭدا ئىنسانىيەت تارىخىدا ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىگە يۇمشاق قونۇشى ۋە ئايلىنىپ تەكشۈرۈشى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەر شارى بىلەن ئۇلانما خەۋەرلىشىش تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى ھەم كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە خەلقئارا ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالەم قاتنىشى سېپى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ ئېرىشكەن يەنە بىر قېتىملىق مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەت، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى چوڭ دۆلىتىدىن ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلىشىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا پەن- تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىققانلىقىنىڭ يېڭى ئۆلچەم بايرىقى، يېڭى يۈكسەكلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە قوشقان يەنە بىر قالتىس تۆھپىسى. قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يېتەكچى قىلىنىپ، «ئارزۇغا ئىنتىلىش، دادىل ئىزدىنىش، ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت ئاينى تەكشۈرۈش روھى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلدى، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇندى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا سۈرەتلەنگەن ئۇلۇغۋار پىلانغا قاراپ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرنىڭ قالتىس تۆھپەڭلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ!

  چەكسىز ئالەم ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. چاڭئې 4- نومۇر ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بەلگە قىلىپ، دۆلىتىمىز ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۆتىنچى قارارى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىلەر تېخىمۇ جاپالىق، مۈشكۈل، دۇچ كېلىدىغان خىرىس مىسلىسىز. ئالەم قاتنىشى سېپىدىكى بارلىق يولداشلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىشىڭلارنى، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

    گوۋۇيۈەن

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

    2019- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى