ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا يېڭى جاۋاب يېزىش

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- قېتىملىق يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

مۇخبىرىمىز لى ياڭ

2019.01.12 16:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش. 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش قالتىس بىر يىلنى باشتىن كەچۈردى.

  بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، مەركىزىي خىزمەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەلرايىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئورگىنىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ كېلىدىغان، خەلق رازى بولىدىغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يېڭى جاۋابىنى تىرىشىپ يازدى.

   سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەش

  سىياسىي كېڭەشنىڭ «سىياسىي»لىقى، سىياسىيدىكى سىياسىيدۇر، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىچكى تەلىپى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باشتىن- ئاخىر غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ھاياتلىق يولى تېپىشنىڭ تايانچى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى سىياسىيدىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئېتىقادىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى ئىگىلىدى، مۇقىملاشتۇردى.

  − توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باشتىن- ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تارىختىكى 1- قېتىملىق سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتى؛ ئورگان پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر ساھە ئايرىمىسىدىكى ئەزالار تولۇق قاتناشقان مەخسۇس كومىتېت تۈزۈمىنى ئورناتتى... بۇ ھەربىر تۈزۈم پارتىيەنىڭ تەشكىلى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يولنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  − باشتىن- ئاخىر پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى پارتكومنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللاش، مۇھىم، زور ئىشلاردا پارتكومدىن يوليورۇق سوراش، مۇھىم خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى پارتكومغا دوكلات قىلىش، مۇھىم ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا كېڭىشىش، مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى پارتكومغا يوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم ئورۇنلاشتۇرغانلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتكوم تەلەپ قىلغانلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ئاۋاز قوشۇش، پارتكوم يوليورۇق بەرگەنلا بولسا، سىياسىي كېڭەش ھەرىكەتكە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  − ئۆگىنىشتە ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى. نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى، سۆھبەت يىغىنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆتكۈزۈپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاڭنى ئۆگىنىپ چىقتى، ئېتىقادنى ئۆگىنىپ چىقتى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «مېھىر- شەپقەت لېكسىيە مۇنبىرى» ئۆگىنىش سۇپىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ كوزىر ماركىنى تىرىشىپ يارىتىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى. ئۆگىنىشنىڭ جەريانىنى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، مەسىلىنى تەتقىق قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشنىڭ جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

   دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىش

  مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باش نىشان ئارقىلىق بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىشتە باش نىشاننى كۆزلەش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى باش نىشان بويىچە قانات يايدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پائالىيىتىنى باش نىشانغا بويسۇندۇردى، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلدۇردى.

  «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ دائىرىدە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەقىقىي تۈردە باش نىشاننى ھەر ۋاقىت قەلبكە پۈكۈپ، زىممىگە ئېلىپ، قولدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈردى... »

  2018- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلدى. يىغىندا «قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى قارار» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. بۇ، مۇشۇ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى چىقارغان بىرىنچى قارار بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر يۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان مۇھىم، زور تەدبىرىدۇر.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رەنا يۈسۈپ مۇنداق بىلدۈردى: «<قارار>دا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان بولۇش روھى تولۇق ئىپادىلەندى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى ئىپادىلەندى».

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يېتەكلەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، بىرىنچى ۋاقىتتا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلدى، ئاچقۇچلۇق پەيتتە سۈكۈتتە تۇرمىدى، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە پوزىتسىيەسىنى يوقاتمىدى؛ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى... مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى ھەربىر نەتىجە دىققەتنى مۇقىملىققا، تەرەققىياتقا زىچ مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى قېتىملىق مەخسۇس تېمىدىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاراكتېرلىك دائىمىي كومىتېت يىغىنى، تۆت قېتىملىق ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، 117 قېتىملىق ئەزالارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تەكلىپ بەردى ۋە ئەمەلىي چارە كۆرسەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات- تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىجىل كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ چىقاردى. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»، «داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سەمىمىي كېڭىشىپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، نۇقتىلىق ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىپ، مەركەزلىك كۈچ چىقىرىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىشتە دىققەتنى چوڭ ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا ئەمەلىي ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشتا قىيىن ئىشلارنى كۆزدە تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سالمىقى بار كېڭىشىپ تەكلىپ بېرىشتىكى بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈردى. بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، تەكلىپ بېجىرىشنى كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىدىن بۇيان تەكشۈرۈپ تەكلىپ تۇرغۇزغان 689 تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ، جاۋاب بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئەقىل ۋە كۈچ قوشتى.

   ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ «مەركەزداش چەمبەر»نى سىزىپ چىقىش

  ئەلرايى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى جىگدىلىك باغ كەنتىدىكى 71 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەھەت خېلىل ئىنتايىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم ئۈرۈمچىدە ئاشخانىدا ئىشلەيدۇ، ھازىر ئېيىغا 3000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالىدۇ، تاماق، ياتىقىنى كۆتۈرگەندىن باشقا، يەنە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىمۇ تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتىمىزدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن!»

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان «قەلبداشلىق كۈيى»لىرىنى پۈتتى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى نەچچە مىڭ ئورگان كادىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا تۇرۇپ، سىرداش بولۇپ، چىن دىلى، چىن نىيىتى بىلەن ئەلرايىنى ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، كادىرلار- ئامما مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇردى، ئېجىللاشتۇردى، خەلق تۇرمۇشى ئەھۋالىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش كادىرلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، بېرىش- كېلىش قىلىش، ھېكايە سۆزلەش، ناخشا ئېيتىش، سىردىشىش جەريانىدا ھېسسىياتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

  بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتى. سىياسىي كېڭەش يىغىنىنى سۇپا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆزدىن كەچۈرۈشنى ۋاسىتە، ساھەلەر ئايرىمىسى بويىچە پائالىيەت قىلىشنى تۈگۈن قىلىپ، پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئالاقە باغلاپ ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇرلاردىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش قېتىم سانى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇردى. پارتىيە- گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشىدا سەھنە بولۇش، چارە- تەدبىر كۆرسىتىشىدە مۇنبەر بولۇش، كېڭىشىشىدە سۇپا بولۇش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈردى. مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت سىرتىدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىنلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇردى، مۇجەسسەملىدى.

  2019- يىلى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولىدۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىمۇ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پۈتۈن كۈچى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا كۈچ قوشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى