ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

2019.01.12 16:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، 1- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، بەنزە ۋە شەخسنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش، مۇزاكىرىنى تەشكىللىدى، كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسىي ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر- تەكلىپ ئېلىپ، سەمىمىي سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى، شەخسىي سۆز تېزىسىنى ئەستايىدىل يېزىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپا بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتگۇرۇپپا بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك راستچىل، سەمىمىي بولدى، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى گەپ ئەگىتمەي، بىۋاسىتە قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى كۈچەيتتى.

  شۆھرەت زاكىر خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرىدىن بولۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر سەمىمىي ئادەم بولۇپ، سەمىمىي سۆزلەپ، سەمىمىي ئىش قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، دادىللىق بىلەن نەتىجە يارىتىشنىڭ ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاك، تەلەپچان بولۇش مىزانىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پاك، تەلەپچان بولۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى