ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

2019.01.12 16:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، 1- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، بەنزە ۋە شەخسنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش، مۇزاكىرىنى تەشكىللىدى، كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسىي ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، كەڭ دائىرىدە پىكىر- تەكلىپ ئېلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، سەمىمىي سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى، شەخسىي سۆز تېزىسىنى ئەستايىدىل يېزىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.

  يىغىندا 2017- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ تۈزىتىشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى يازما ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. شاۋكەت ئىمىن خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتگۇرۇپپا بەنزە ئەزالىرى ئۆزلىرىنى بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئوچۇق- يورۇق، سەمىمىيلىك بىلەن تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى، كۈچلەرنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى.

  شاۋكەت ئىمىن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باشتىن- ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى كۈچەيتىپ، ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ باشتىن- ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزەپ، ئېسىل ئىستىلنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى