ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى

2019.01.12 16:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، 1- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما قىلىپ، بەنزە ۋە شەخسنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىش، مۇزاكىرىنى تەشكىللىدى، كوللېكتىپ ئۆگىنىش بىلەن شەخسىي ئۆگىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، كەڭ دائىرىدە پىكىر- تەكلىپ ئېلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، سەمىمىي سىردىشىش، سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى، شەخسىي سۆز تېزىسىنى ئەستايىدىل يېزىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا تولۇق تەييارلىق قىلدى.

  يىغىندا 2017- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ ئۆزگەرتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە بۇ قېتىمقى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا پىكىر ئېلىش ئەھۋالى يازما ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا بەنزىسىگە ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتگۇرۇپپا بەنزە ئەزالىرى ئۆزلىرىنى بىر- بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئوچۇق- يورۇق، سەمىمىيلىك بىلەن تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى، كۈچلەرنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن- ئاخىر «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، ھەقىقىي ھالدا ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىشلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى ئۇزاققىچە تۈزەپ، قاتتىق بولۇشنى باشلامچى قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاك- تەلەپچان بولۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئورگىنى بولۇشتەك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋر سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى