ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، تېخىمۇ يېشىل، تېخىمۇ زامانىۋى بولدى

مۇخبىرىمىز ليۇ يى

2019.01.11 14:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھوسۇل قوغلىشىشتىن سۈپەت قوغلىشىشقىچە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مول ھوسۇل ئېنىقلىمىسى بېيىتىلماقتا.

  پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش مەركەز قىلىنىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

  سۈپەت، ئۈنۈم ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بۇغداي، پاختا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. پاختا ئىشلەپچىقىرىشى يۇقىرى سۈپەت، تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى ئۈنۈمنى قوغلىشىشقا ئۆزگەردى؛ كۈچلۈك تىندۇرما بۇغداي، ئورگانىك بۇغداي، مول سېلېنلىق بۇغداينى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق، دانلىق كۆممىقوناق، سىلوس قونىقى قاتارلىق يېڭى سورتلارنى تېرىشنى كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مول سېلېنلىق، ئورگانىك، كۈچلۈك تىندۇرما بۇغداينىڭ ئۈچ خىل تېرىش تېخنىكا قائىدىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بۇغداينى كۆپ مەنبەلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئاساسى ھازىرلاندى. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ماشىنىدا پاختا يىغىپ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېرىش، ئىشلەپچىقىرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق تەننەرخنى تېجەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بەزى پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى چوڭ تىپتىكى باشلامچى كارخانىلار ئارقىلىق زور كۆلەمدە دېھقانلارنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، كېۋەزنى مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ماشىنىدا پاختا يىغىشنى كېڭەيتىشىگە ئاساس سالدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ھوسۇلغا قاراپ نەتىجىگە باھا بېرىش ئىدىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆتمۈشكە ئايلاندى، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشماقتا.

  يېشىل تەرەققىيات كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

  «ئىلمىي ئوغۇتلاش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، دەرەخ تاجىلىرى ئاستىدىكى تۇپراقنى ئوغۇتلىغاندا، ئوغۇتنى تېجەپ، بۇلغىنىشنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە ھوسۇلنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى تۆۋەن لايقا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەلىتوختى مەمەت، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ ياردىمىدە، 2018- يىلى ئۇ يېڭى ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىسراپچىلىق ۋە بۇلغىنىشنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  بۈگۈنكى كۈندە، يېشىل بولۇش ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي رەڭ بولۇپ قالدى، بارغانسېرى كۆپلىگەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى يېشىل يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا خادىمىنىڭ ياردىمىدە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە مۇھىت ئاسراشتا قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ نۆل ئېشىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورۇ تاشلاندۇقلىرىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2018- يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاشنى جەمئىي 50 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە كېڭەيتتى ۋە قوللاندى، قاپلاش نىسبىتى %89.1 كە يەتتى، سۇ، ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى 30 مىليون مودىن ئارتۇق يەردە كېڭەيتتى ۋە قوللاندى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك ئاپىتى ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۆلىمى 20 مىليون مودىن ئاشتى، يېشىل ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %28.1 كە يەتتى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى زور كېسەللىك ئاپىتى، ھاشارات زىيىنى ۋە زور ئۆسۈملۈك يۇقۇمى ئەھۋالى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مىقدارىدا مەنپىي ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنىمۇ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 61.7 كە ئۆستى، دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز يېزا- بازار(ناھىيە بازىرى) 26 گە كۆپىيىپ، 58 ناھىيە(شەھەر، رايون) ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى ئۆلچەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى

  زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ زىيانغا ئۇچراتمىغان ئاساستا، يەرنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىنى جانلاندۇردى.

  «مېنىڭ ھازىر ئىككى ئۈلۈش كىرىمىم بار.» ساۋەن ناھىيەسى داچۇەن يېزىسى ساۋفاڭجاڭزا كەنتىنىڭ ئاھالىسى خەن جېڭتاۋ مۇنداق دېدى: «يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، يەرنى ئوبوروت قىلىپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردىم، بىر مو يەرگە بىر يىلدا 1000 يۈەنگە يېقىن پايدا تەقسىملىنىدۇ، ئۆزۈم يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەمچىلىك قىلىمەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل، بۇنىڭدىن يەنە بىر ئۈلۈش مائاش ئېلىپ، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن».

  يەر ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئېنىق ئايرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بارغانسېرى كۆپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بارغانسېرى كۆپ دېھقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئايرىلىپ، شەھەر- بازارغا كىرىپ، يېڭى خىزمەت تېپىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  2018- يىلى 12- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۆلچەنگەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 30 مىليون مودىن ئېشىپ، ۋەزىپىدىكى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ %96.90 ى تاماملاندى. ئائىلە ھۆددە يېرىنىڭ «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» رامكىسى ئاستىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى يەنىمۇ «جانلاندۇرۇلدى». يەر ھوقۇق- مەنپەئىتىنىڭ ئېنىق بولۇشىمۇ كوپىراتىپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت ياراتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇمىي سانى 26 مىڭ 462 گە يېتىپ، 2017- يىلىدىكىدىن %9.8 ئاشتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان