ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ساۋەن: يېڭى يىللىق مەدەنىيەت پائالىيىتىدە قىزىقارلىق نومۇرلار ئۈزۈلمىدى

2019.01.07 16:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  گېزىتىمىزنىڭ تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن زېڭ جاۋمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، ساۋەن ناھىيەسىدىكى ئورگانلار، ئورۇنلار، يېزا- بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)لەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئېسىل بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش كۆۋرۈكى سېلىپ بەردى.

  1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى كەيشۇەن يولى مەھەللىسى ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈپ، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇردى، قوشنىلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتتى. كەيشۇەن يولى مەھەللىسى بىرلەشمە پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پەن دوگاڭ مۇنداق دېدى: «مەيدان ئۇسسۇلى، ئېتۇت قاتارلىق ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئاھالىلەر ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان، مەھەللە سۇپا قۇرۇپ، مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئالىيجاناب ئەخلاق- پەزىلەت، مەدەنىي قائىدە- يوسۇنلۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، قاراشلىق رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل ساۋەن قۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز».

  شۇ كۈنى، سىداۋخۇزا بازىرى يۇفاڭجاڭزا كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، پۇقرا تەشۋىقاتچىلاردىن جى بىڭيۈەن، كەي چاڭجۈ دېكلاماتسىيە قىلغان «ۋەتىنىم، مېنىڭ ساڭا شۇنى دېگۈم بار» ناملىق شېئىر، كەنت ئاھالىلىرى ئېيتقان «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ئومۇمىي خور ۋەتەنگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببەتنى ئىپادىلىدى.

  ساۋەن ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ لياۋنىڭ ئەنشەندىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن 23 ئوقۇتقۇچىنى مەكتەپنىڭ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى، كۆپچىلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان يالغۇز كىشىلىك ناخشا، كۇەيبەر، ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق نومۇرلاردىن ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ۋاڭ شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتىنى ئەنشەنگە ئېلىپ كېتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، ساۋەننى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى