ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لۇ تيەنپىڭ: ئىلمىي ماقالىنى كەڭ زېمىنغا يېزىش

مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

2019.01.07 16:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1- ئاينىڭ 6- كۈنى، مەن تۇمان بىلەن قاپلانغان شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھويلىسىنىڭ بىر بۇرجىكىدە، ئورمان بىنا قىلىپ، قۇمنى تىزگىنلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى كۆردۈم. ئەگەر ئالاھىدە ئىش بولمىسا، لۇ تيەنپىڭ ئادەتتە تەتقىقات ئورنىدىكى ئىشخانىسىدا بولاتتى، ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئېكرانى ئورمانچىلىققا دائىر ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ بەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.

  پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر لۇ تيەنپىڭنىڭ يىلدا سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتى 200 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ھەر يىلى قار ئېرىگەن باش باھاردىن باشلاپلا، لۇ تيەنپىڭ تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تەجرىبە رايونلىرىغا قاتراپ، شۇ چىقىپ كەتكەنچە نەچچە ئاي يۈرۈپ، كۈزدە يوپۇرماقلار سارغايغاندا ئاندىن قايتىپ كېلىدىكەن.

  36 يىل، 13 مىڭدىن ئارتۇق كېچە- كۈندۈزدە، لۇ تيەنپىڭ كەڭ زېمىندا يول- يول ئېنىق ئاياغ ئىزلىرىنى قالدۇردى ھەم ئىلمىي ماقالىلىرىنى بىپايان زېمىنغا يېزىپ چىقتى. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىقتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەتقىقاتى ۋە ئومۇملاشتۇرۇش تۈرىدىن ئون نەچچىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ياكى قاتنىشىپ تاماملىدى، بۇ تۈرلەر بىردەك دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى «توغراقلىقلارنى يېڭىلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش»، «ئېكولوگىيە ئىقتىساد تىپىدىكى ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئورمان بىنا قىلىنىدىغان يەرلەردىكى شورلۇق تۇپراقنى ياخشىلاش» قاتارلىق تەتقىقات ساھەلىرىدىكى كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى.

  پەن تەتقىقات يولىدا كېلىپ چىقىش مۇھىم ئەمەس، لۇ تيەنپىڭ دەسلەپتە يېزا ئىگىلىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن، كېيىن مەخسۇس كۇرسنى شىنجاڭ داشۆنىڭ بىيولوگىيە كەسپىنى ئوقۇپ پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئىلىم- پەن يولىدا ھارماي- تالماي ئىزدىنىپ، لاي- توپىغا مىلەنگەن بىر جۈپ پۇتى بىلەن ئەمەلىي تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم تاشلاپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  لاۋفېڭكوۋنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاللىبۇرۇنلا «يامان نامى» قالمىدى. ئىلگىرى كىشىلەر نامىنى ئاڭلىسىلا ئۆڭسۈلى ئۆچۈپ كېتىدىغان بۇ قارا بوران بەلبېغى بۈگۈنكى كۈندە 300 مىڭ موغا يېقىن ئورمان بىلەن قورشالغان بولۇپ، بوراننىڭ زىيىنى يوق دېيەرلىك ئىدى. لاۋفېڭكوۋ ئېكولوگىيەلىك ئورمان قۇرۇلۇشىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن تارتىپ، لۇ تيەنپىڭ ئۆزىنىڭ دەل- دەرەخلىرى بىلەن مۇشۇ تۇپراقتا بىللە «ئۆستى».

  لۇ تيەنپىڭ مۇنداق دېدى: «كېچە- كۈندۈز سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ، تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزىتىمەن. ئىلمىي تەتقىقاتتىكى بۆسۈش بەزىدە بىر ۋاراق قەغەزدىلا ئىپادىلىنىدۇ، ئالىملار كۆزنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان نەرسىلەر ئارىسىدىن ئالاھىدە ئوخشاشماسلىقنى بايقاپ، شۇنى يىپ ئۇچى قىلىپ، بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نەتىجە چىققاندىن كېيىن باشقىلار دائىم ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلىدۇ، بىراق سىز ئەمەلىيەت جەريانىدا يەكۈننى تاۋلاپ چىقمىسىڭىز، بۇ <ئاددىي> تەجرىبە ياكى ئەندىزە داۋاملىق ناھايىتى ئۇزاققىچە يوشۇرۇن تۇرىدۇ».

  لاۋفېڭكوۋدا ئورمان بىنا قىلىشتا كەڭ قوللىنىلغان «چوڭقۇر ئورەكتە سۇ تېجەپ ئورمان بىنا قىلىش» تېخنىكىسى دەل مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن. لۇ تيەنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا يول بويىدىكى توپا تۈرتۈش ماشىنىسى توپا ئالغاندا شەكىللىنىپ قالغان ئورەكتە كىشىلەر مۇنداقلا تىكىپ قويغان كۆچەتلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنلىكىنى، ھەتتا مەخسۇس ئادەم پەرۋىش قىلغاندىنمۇ ياخشى ئۆسكەنلىكىنى تاسادىپىي بايقاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى كۆزىتىشكە باشلىدىم، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭقۇر ئورەكتە سۇ تېجەپ ئورمان بىنا قىلىش تېخنىكىسى قۇرۇلۇشقا زور مىقداردا سۇ بايلىقىنى تېجەپ بەردى ھەم كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ تېخنىكا شىنجاڭدىكى ئوخشاش رايونلارنىڭ ئورمان بىنا قىلىشىدا كەڭ قوللىنىلدى».

  ئورمانچىلىق پەن تەتقىقاتى ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، 2002- يىلى لۇ تيەنپىڭ دەرىجە ئاتلاپ ئالىي ئىنژېنېرلىققا ئۆستۈرۈلدى. لۇ تيەنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىللاردا، ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن يولداشنىڭ ئوقۇش تارىخى تۆۋەنرەك ئىدى، بىراق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى ئۇنتۇپ قالمىدى، بىزگە ئوخشاش ئىلمىي ماقالىنى كەڭ زېمىنغا يازىدىغان يولداشلارنىڭمۇ ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلدى. مەن بۇنىڭدىن مىننەتدار. مەن پەقەت قاقاسلىقنى كۆكەرتىشنىلا ئويلايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆگىنىمەن، توختىماي ئۆگىنىمەن. ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە بىلىمگە ئىنتىلىش ئېتىقادىلا پەن تەتقىقات يولىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە!»
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى