ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جىڭجۈ تىياتىرى ئارقىلىق «پارلاق يول»نى يورۇتۇش

گېزىتىمىزنىڭ قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جىجۈەن

2019.01.06 17:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1- ئاينىڭ 5- كۈنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «پارلاق يول» پىروگراممىسىنىڭ 2018- يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 3- مەيدان تارماق مۇسابىقىسىدە، قومۇل شەھىرىدىن كەلگەن ئايال ئوقۇتقۇچى چولپان يۇنۇس ئاجايىپ نۇر چاچتى.

  «مەيدانغا چىقىش» ھالقىسىدا، چولپان ئاممىباب ناخشا «ماياك»نى ئېيتىپ، مەيدانغا چىقىپلا باشقا ماھىرلارنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. ئۇنىڭ يۇقىرى ئاۋازى يېقىملىق، تەبىئىي بولۇپ، قالتىس ماھارىتى بىلىنىپ تۇراتتى. «سەنئەت تالانتىنى كۆرسىتىش» ھالقىسىدا، چولپان جىڭجۈ تىياتىرى چاتما ناخشىسى «قىزىل چىراغ خاتىرىسى»دىن ئارىيە «نەۋرە تاغىلىرىم ساناقسىز»، «يۈتاڭ باھارى»دىن ئارىيە «سۇسەن خۇڭدۇڭ ناھىيەسىدىن ئايرىلدى»، «ۋېيخۇشەن تېغىنى پەم بىلەن ئېلىش»تىن ئارىيە «بۈگۈن غەلىبىنى تەبرىكلەش شارابىنى قانغۇچە ئىچەيلى»نى ئورۇنلىدى. چولپان ئېيتقان جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكىسىنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا ئورۇنلاندى، جىڭجۈ تىياتىرى بىلەن شىنجاڭ مىللىي مۇزىكىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى، مۇتەخەسسىس باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. «يۇرتىمىز گۈزەل» ھالقىسىدا، چولپان قومۇل ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى ياردەمچى ئارتىسلارنىڭ قومۇل 12 مۇقامىنى تەڭكەش قىلىشى بىلەن، يېقىملىق ئۇيغۇرچە ناخشا «گۈزەل قومۇل»نى ئورۇنلىدى، سەھنە ئارقا كۆرۈنۈشىدە قومۇلنىڭ ساياھەت تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار يېقىملىق ناخشا ساداسىدىن ھۇزۇرلاندى. «ئارزۇدىن ھالقىش» ھالقىسىدا، چولپان كومپوزىتور خۇ تىڭجاڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن «مەخسۇس ئىشلەپ بەرگەن» ئىجادىي ناخشا «ئاي شولىسى تامغا چۈشكەندە»نى ئورۇنلىدى. چولپان بۇ ناخشىنى تۇنجى ئورۇنلىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئۇنىڭ سۈزۈك ئاۋازى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى كۈيلەش ھېسسىياتىنى تولۇق ئىپادىلىدى. چولپان يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 3- مەيدان تارماق مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى.

  2018- يىلى 4- ئايدا، چولپان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پارلاق يول» پىروگراممىسى سەھنىسىگە چىقتى، ئۇ پۇختا مۇزىكا ئاساسى ۋە سۈزۈك، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاۋازى بىلەن كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى مۇكەممەل نامايان قىلدى. ھەپتىلىك چېمپىيونلۇقتىن ئايلىق چېمپىيونلۇققىچە، يەنە يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 3- مەيدان تارماق مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغىچە، چولپان بۇ يولدا «قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتتى».

  يۇرتىغا شان- شەرەپ كەلتۈرگەن چولپان ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى تەربىيەلىگىنىگە رەھمەت، مەن شىنجاڭدىن چىقىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلۇقىنى، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ۋە چاقىرىق كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، مېنىڭ مۇزىكا ھاياتىمدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گېنى ئېقىۋاتىدۇ. بۇ قېتىم مېنىڭ جىڭجۈ تىياتىرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق <پارلاق يول> پىروگراممىسىنىڭ يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىكىم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئىسپاتلىدى».

  چولپان قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىنلا مۇزىكىنى قىزغىن سۆيەتتى، ئەقىللىق، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەنىدى. 1995- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولدى. 2006- يىلى، چولپان قومۇل ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىشتىن سىرتقى يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، كۆپ قېتىم تەكلىپ بىلەن قومۇل شەھىرىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى، ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ھەم جېڭجوۋ، نەنچاڭ، چاڭشا، چىڭداۋ قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە بېرىپ ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى قويۇشقا قاتناشتى.

  2015- يىلى، چولپان جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنىگە ئۆگىنىشكە كىرىپ، داڭلىق ناخشا- مۇزىكا مائارىپشۇناسى، جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى ناخشا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پىروفېسسور ۋاڭ شىكۈينى ئۇستاز تۇتتى. پىروفېسسور ۋاڭ شىكۈينىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدە، چولپان ناخشا ئېيتىش ماھارىتى، مۇزىكىنى ئىپادىلەش، ئۇسلۇبنى نامايان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېز ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى قويۇق دۆلەت ئىلمى ئاساسى ۋە سەنئەت كەيپىياتى بىلەن ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى مۇزىكا يولىدا ئۇچقاندەك ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىدى. مەكتەپتىكى مەزگىلدە، چولپان جۇڭگونىڭ نۇرغۇن كىلاسسىك نەزمە- ناخشىلىرى، دىراما- ئەلنەغمىلىرى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ ئوپېرالىرى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى، ئۇ ئۆگەنگەن بۇ بىلىملەر «پارلاق يول» سەھنىسىدە ئۆزىنى قالتىس نامايان قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. «پارلاق يول» مۇسابىقىسىگە قاتناشقان مەزگىلدە، چولپان يەنە مېھرىبان ئۇستازى ۋاڭ شىكۈي، بېيجىڭ جىڭجۈ تىياتىرخانىسى ياشلار ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى جياڭ يىشەن، بېيجىڭ جىڭجۈ تىياتىرخانىسى 2- ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ياڭ شياۋپېڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىگە مۇيەسسەر بولدى.

  چولپان مۇنداق دېدى: «ئوقۇتقۇچىلىرىمغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن، ئۇلار ماڭا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇزىكا ۋە دىراما- ئەلنەغمە ئۆگەتتى. مەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇرتۇم ئۈچۈن كۆپ تۆھپىلەرنى قوشىمەن».

  2- ئاينىڭ 2- كۈنى كەچتە قويۇلىدىغان «پارلاق يول» پىروگراممىسىدا، چولپان مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سەھنىسىدە تالانتىنى نامايان قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل