ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تەيۋەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.01.05 17:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، مەركەز «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە»نى ئېلان قىلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، بىزنىڭ مەۋقەنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور سىياسەت تەشەببۇسىمىزنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئوچۇق جاكارلىدى، مىللەتنىڭ گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسىدە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى قانداق ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك سۆز بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەيۋەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەيۋەنگە قارىتىلغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتى مۇپەسسەل بايان قىلىنغانلىقىنى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت- سائادىتى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىچكى باغلىنىشى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلگەنلىكىنى، مۇھىم سۆزنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، جەزمەن چوڭقۇر ئۇزاق تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى دەۋردە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ۋە ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بەش تۈرلۈك مۇھىم، زور تەشەببۇسنى توغرا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نىشان ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئاساسىي فاڭجېنى، يول ئەندىزىسىنى توغرا ئىگىلەپ، مەركەزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان چوڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ تەيۋەن خىزمىتىگە قاراتقان ئاساسىي پىكىر يولى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزنىڭ تەيۋەن خىزمىتى ئومۇملۇقى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات باش تېمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن تەيۋەننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك سودىگەرنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، تىرىشىپ ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇقىم مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاش، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى قەتئىي ياخشى قىلىش، «ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى ياخشى تۇتۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ تەييارلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل، پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر