ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى

2019.01.05 17:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە ئىلمىي كۆرسەتمە. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. سىياسىي بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت، خەۋپ- خەتەرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تور بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تورنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاپ، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باشقا ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت زېمىنى، پەن- تېخنىكا، ئېكولوگىيە، بايلىق قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، كومىتېت ئىشخانىسى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كومىتېتنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نازارەتچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر