ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىمىز

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2019.01.05 16:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشتا، يەنىلا نىشاننى چىڭ كۆزلەپ غەيرەت بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە غەمخورلۇق قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار يۇرت، ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. مۇشۇ ۋاقىتتا، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى، تاكسى شوپۇرلىرى ھەمدە مىليونلىغان ئەمگەكچى يەنىلا جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ، بىز بۇ گۈزەل تۇرمۇشنى ياراتقۇچىلار، قوغدىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار.» 2019- يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرگە ئىلھام- مەدەت بەردى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى چوقۇم مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز، ئاددىي خىزمەت ئورنىمىزدا تىرىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە ئارزۇغا ئىنتىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل بەختلىك تۇرمۇش يارىتىمىز.

  1- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسى يېمىل چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى جىڭشىكە ئاقسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايگۈل مىلات مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ ئىزچىل بىزنى ئەسلەپ تۇرۇۋېتىپتۇ، قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى».

  ئايگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قىيىن ئىدى، 2016- يىلى ئۇ ناھىيە تەشكىللىگەن ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق قول كەشتىچىلىك تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى ھەم كەنتتىكى كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ، تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئايگۈل مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باشتىن- ئاخىر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ياد ئېتىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى قەلبىمىزنى ئىللىتتى، شۇنداقلا مېنىڭ بېيىش ئىشەنچىمنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

  رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «يېڭى يىل يېتىپ كېلىش پەيتىدە، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ، بارغانسېرى روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.» بۇ سۆز قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسى ئۈژمىلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختىمەمەت ئابدۇۋاقىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «بىز ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندۇق. يېڭى بىر يىلدا بىز تېخىمۇ تىرىشىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىمىز» دېدى توختىمەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

  2019- يىلى ۋاڭ جۈننىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىگە ئون يىل بولدى. «مەن ۋەتىنىمىزنىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن! رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە بىز ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى، بۇنىڭدىن مەن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلدىم، شۇنداقلا ئىلگىرىكى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، ۋەتەننى قوغداش كەچۈرمىشىمدىن چەكسىز پەخىرلەندىم» دېدى ۋاڭ جۈن، «بىر پېشقەدەم ئەسكەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئارمىيەدىن چېكىنگەن بولساممۇ خىسلىتىمنى يوقاتمايمەن، بۇنىڭدىن كېيىن، بۇرۇنقىدەكلا ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسەمنى قوشىمەن».

  1- ئاينىڭ 3- كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ دەيشۇ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى تىجارەت تور نۇقتىسىنىڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىسى قادىرجان تۇرسۇن ناھايىتى بالدۇرلا شىركەتكە كېلىپ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇ: يېڭى يىل كۈنى يان تېلېفونۇمدىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى كۆردۈم، دېدى. «رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە بىز تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر توپىنى تىلغا ئالدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، خېرىدارلارنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمەن» دېدى قادىرجان.

  «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مەخسۇس بىز مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىنى تىلغا ئالغانلىقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىز قىلىۋاتقان خىزمەتنى ئېسىدە تۇتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ھەم ئىللىقلىق، ھەم شەرەپ ھېس قىلدىم!» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە 12 يىل مۇھىت ئاسراش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان نۇرگۈل ئەخمەتزالىم 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ھاياجانلانغان ھالدا.

  بۇ ئىككى كۈندە قار يېغىپ نۇرگۈلنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ھەم غەيرەتكە تولۇپ، ھەم روھلىنىپ ئىشلەۋاتىمىز، ھەممەيلەن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز، دېيىشتۇق» دېدى نۇرگۈل.

  1- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاقسۇ شياۋخاۋ كىرا ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتىنىڭ تاكسى شوپۇرى ئەخمەت ھىمىت رادىيودىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەمگەكچىلەرگە يوللىغان سالىمىنى تۆت ئۈندىدار توپىغا يوللىدى، توپتىكى 100 دىن ئارتۇق كەسىپدىشىنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى. ئەخمەت مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە بىز تاكسى شوپۇرلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى».

  (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ لېي، جاڭ تىڭ، ما يىنىڭ، لى داۋجۇڭ، گېزىتىمىزنىڭ خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جىڭ)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان