ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جاڭ بياۋ: جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداشتىكى نەمۇنىلىك تەپتىش

مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

2019.01.03 17:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جاڭ بياۋ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى
  2018- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە تەپتىش بۆلۈمىنىڭ پېنسىيەگە چىققان تەپتىشى جاڭ بياۋ ئىسلاھات ئاۋانگارتى دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئۇنىڭغا ئىسلاھات ئاۋانگارتى مېدالى بېرىلدى.

  جاڭ فامىلىلىك تاغا- جىيەن دېلوسىدىن كېيىن، جاڭ بياۋنىڭ ئىسمى ۋە ئىش ئىزلىرى تەدرىجىي كىشىلەرگە تونۇلدى، يەنە شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن شان- شەرەپكە ئېرىشتى. ھالبۇكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سانسىزلىغان كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتى مۇساپىسىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇۋاتقان بۇ ئاساسىي قاتلام تەپتىشىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى، مەيلى خىزمەتتە ياكى پېنسىيەگە چىققاندا بولسۇن، جاڭ بياۋ باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

   باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن خاتا دېلولارنى ئەستايىدىل ئىشلەش

  «ھەرقانداق ئىشنى ئۇ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدۇ، ئازراقلا گۇمانلىق نۇقتا بولسا، جەزمەن تېگى- تەكتىگىچە ئېنىقلايدۇ، قەتئىي، قەيسەر، خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل، ھەتتا قاتتىق قول...» جاڭ بياۋ تىلغا ئېلىنغاندا، ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە تەپتىش بۆلۈمىدە بىللە ئىشلىگەن تەپتىش گاۋ چېن ئەسلەپ شۇنداق دېدى.

  تۈرمىدە، جازا ئۆتەۋاتقان نۇرغۇن كىشى تۈرلۈك سەۋەب تۈپەيلى ئۆزىگە ئۇۋال بولغان دەپ قارايدۇ، ئەمما تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپىنچىسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. جاڭ بياۋ كۆپ يىللىق كەسپىي سەزگۈرلۈكىگە تايىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقان جاڭ گاۋپىڭ تەمىنلىگەن بىر تاغاردەك ئەرز ماتېرىيالىدىن «مەسىلە»نى بايقىدى.

  جاڭ بياۋ بىرمۇبىر كۆرۈپ، بىر ھالقا، بىر ھالقىدىن ئانالىز قىلىپ، تاپقان يىپ ئۇچىنى بىر- بىرلەپ دەلىللەپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى ئەرز ماتېرىيالى تەييارلىدى. 2007- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە، شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۈرمە تەپتىش بۆلۈمى بۇ ئەرز ماتېرىيالىنى كۆپ قېتىم سۇنۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا دېلونىڭ قايتىدىن سوت قىلىش تەرتىپىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

  2018- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، جاڭ بياۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بەزىدە تەپتىشنىڭ ئەستايىدىل بولۇشى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىشى مۇمكىن، لېكىن دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا، تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، خىزمەتكە سادىق بولۇش كېرەك.»

  دەل مۇشۇنداق ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، جاڭ بياۋ پۇختا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق جاڭ فامىلىلىك تاغا- جىيەن دېلوسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى.

   مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش

  «جاڭ فامىلىلىك تاغا- جىيەن دېلوسى» ھۆكۈمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى، جاڭ بياۋمۇ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسىگە ئايلاندى.

  «تەپتىشنىڭ ھەر قېتىملىق قانۇن بويىچە ئادىل دېلو بېجىرىشى، چىراغ ياققانغا ئوخشاش، كىشىلەرگە قانۇنچىللىقنىڭ نۇرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مەن پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چىراغنى ياقتىم، ئەگەر بۇ چىراغ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى يورۇتالىسا ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلىسە، مەن ئىنتايىن مەمنۇن بولىمەن» دېدى جاڭ بياۋ.

  «قىلغان ئىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، ئاۋارىچىلىك، قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، توسقۇنلۇققا دۇچ كەلسىمۇ، مەيدىسىدىكى تەپتىش ئىزنىكىگە يۈز كېلىش، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش ھەربىر تەپتىشتە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت» دېدى جاڭ بياۋ قەتئىيلىك بىلەن.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قىسىم ناھەق، ساختا، خاتا مۇھىم، زور جىنايى ئىشلار دېلولىرى قايتا سوت قىلىنىپ، ھۆكۈم ئۆزگەرتىلدى، جاڭ بياۋ دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۈزلۈكسىز زىچ تۈزۈم تورى توقۇش ئارقىلىق، ناھەق، ساختا، خاتا دېلولارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك ھېس قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يادرو قىلىنغان ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، «سوت قىلغۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم قىلغۇچى مەسئۇل بولۇش» تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندى.

  «ئۇ تەپتىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغاچقا، خاتا دېلولارنى تۈزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ مۇساپىسىگە تۈرتكە بولدى» دېدى شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ چيەنشېڭ.

   روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تەسىر كۆرسىتىش

  2013- يىلىدىن بۇيان، جاڭ بياۋنىڭ ئىش ئىزلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تارقالدى. جاڭ بياۋ روھىنى «سادىقلىق، قەيسەرلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق، پىداكارلىق»تىن ئىبارەت سەككىز خەتكە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  2014- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پېنسىيەگە چىققان جاڭ بياۋنى ئالاھىدە تەكلىپلىك تەپتىشلىككە تەكلىپ قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئىشخانا تەسىس قىلدى؛ شىخەنزە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى «جاڭ بياۋ مۇرەسسە ئىشخانىسى» تەسىس قىلدى؛ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تۈرمە تەپتىش تارماقلىرى بىردەك «جاڭ بياۋ» ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، «جاڭ بياۋ روھى»نى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا داۋاملاشتۇردى ۋە تارقاتتى.

  پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ، جاڭ بياۋ تەپتىشنىڭ «ئەسلىي مەقسىتى»نى ئۇنتۇمىدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەت، تېلېفونلارغا ئۇ بىر- بىرلەپ جاۋاب قايتۇردى؛ ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى ئۇ قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بەردى. «ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتىم خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋېتىپتۇ.» جاڭ بياۋ مۇنداق دېدى: بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە دېموكراتىيە- قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور قەدەم تاشلىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشقا پۇختا ئاساس سالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرى «جاڭ بياۋ روھى»غا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى تەپتىشلەرنى باشتىن- ئاخىر قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشقا، قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە