ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ناخشا ساداسى ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتەنگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش

فەن خۇڭيى

2019.01.02 19:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  2019 - يىلى يېڭى يىل قوڭغۇراق ساداسى ياڭرىغاندا، ئۈرۈمچىدىكى «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» باش تېمىسىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى باشلاندى، «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناخشا ساداسى كېچە ئاسمىنىدا ياڭرىدى؛ 2019 - يىللىق ئۈرۈمچى يېڭى يىل كونسېرتىدا، بارلىق تاماشىبىنلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈرۈمچى سىمفونىيە ئۆمىكى، خور ئۆمىكى بىلەن تەڭ «مەن ۋە ۋەتىنىم»نى ئورۇنلاپ، ۋەتەنگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

  يىللار ناخشىغا ئوخشايدۇ. ئۆتكەن يىللاردىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ قىممەتلىك نەرسە كىشىنىڭ ئېسىدە قالىدۇ، شۇنداقلا بىزنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىمىزگە ھەر ۋاقىت ئىلھام بېرىدۇ. كونىنى ئۇزىتىپ يېڭىنى كۈتۈۋالغان پەيتتە، بىز «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى تەڭ ئېيتىپ، دۆلەت باي- قۇدرەتلىك، مىللەت گۈللەنگەن، خەلق بەختلىك بولغان ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدۇق.

  بۇ قەلب ساداسى «مەن ۋەتىنىمدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايمەن». دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، «ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان» كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى، 56 مىللەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئورتاق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. دەل كۆپ خىل مەدەنىيەت ئۆزئارا سىڭىشىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، پارلاق ۋە شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشۇشچانلىقىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا رەسمىي ئايلانغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقان، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان. تۈنۈگۈن، بۈگۈن ياكى ئەتە بولسۇن، شىنجاڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزاسى، مىللەتلەر مەڭگۈ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.

  بۇ قەلب ساداسى «ئەڭ سۆيۈملۈك ۋەتىنىم، سەن مەڭگۈ قۇرۇمايدىغان دېڭىز». شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «سان- ساناقسىز بوران- چاپقۇن، قارا يامغۇرنى باشتىن كەچۈرگەن دېڭىز يەنىلا بۇ يەردە! 5000 يىلدىن ئارتۇق ئازاب- ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو يەنىلا بۇ يەردە! كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو مەڭگۈ بۇ يەردە!» بۇ دەل بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، ئۇ كەڭ كۆڭلى - كۆكسىگە، كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە، بىز ۋەتەن قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىمىز، شۇڭا ۋەتىنىمىزنىڭ كۈچلۈك قۇدرىتىنى ۋە گۈللەنگەن، ئاۋاتلىقىنى نامايان قىلىدىغان بىر ئەزاسى بولۇشىمىز كېرەك. ھازىر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوش ھوسۇل ئېلىشىمىز، قوش غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ ياخشى تىلەك ۋە جاۋاب قايتۇرۇش.

  بۇ قەلب ساداسى «ئەڭ سۆيۈملۈك ۋەتىنىم، مەن مەڭگۈ سەن بىلەن قەلبداش». 2019 - يىلى، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. بۇ 70 يىلدا مىڭبىر جاپا- مۇشەققەتلەرنى يەڭدۇق، 70 يىللىق بوران- چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. بۈگۈن، ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلدى. بىز «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناخشا ساداسىنى ياڭرىتىمىز، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ناخشا ساداسى ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتەننى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئىپادىلىشى؛ شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغان چوڭقۇر ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىسى؛ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى.

  ساداقەت بىلەن ۋەتەن يولىدا جان پىدا قىلىش. «مەن ۋە ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىدا مەۋج ئۇرغىنى ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن چىققان ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى، بۇ خىل ھېسسىيات يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى، تومۇرى ۋە مەنىۋى مايىكى، ئۇ مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر