ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ئەلگە نەپ يەتكۈزدى، ئەلگە شادلىق بېغىشلىدى

مۇخبىرىمىز لى لى

2018.12.31 19:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەيلى «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز− مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە كىرگۈزۈش» مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇش بولسۇن ياكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش بولسۇن، بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مول مەنىۋى مەدەنىيەت ئوزۇقى يەتكۈزۈپ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئاممىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئاخىرقى بىر كىلومېتىرغىچە، ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىگىچە يەتكۈزدى.

  ئاممىغا يېقىنلىشىش ئەلگە نەپ يەتكۈزدى، ئەلگە شادلىق بېغىشلىدى

  بۇ يىل 6- ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش ئەترىتى «چىن مۇھەببەت» ناملىق دىرامىنى يېڭىدىن تەييارلاپ، ئاقتۇ ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سەييارە ئويۇن قويۇشنى باشلىدى.

  بىر ئۈستەل، تۆت ئورۇندۇق، بەش ئارتىس، «چىن مۇھەببەت» دىرامىسىنىڭ قوشۇنى ناھايىتى ئاددىي ئىدى. رېژىسسور ياڭ خەيچاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم دىرامىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىغا يەتكۈزۈشى. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، دىراما گۇرۇپپىسى دىرامىنى ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالار كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان، تېخىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان قىلىشقا نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى.

  9- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ كۈيسۆيەر ئوركېستىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئەزاسى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى سۇيايدى كەنتىگە تۇغقان يوقلاپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولغاندىن سىرت، كۆپچىلىك يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە بىر ئالاھىدە سوۋغات− جۇڭچيۇ بايرىمىلىق كونسېرتنى سوۋغا قىلدى. يالغۇز كىشىلىك ئىسكىرىپكا ۋە يالغۇز كىشىلىك باس ئىسكىرىپكىدا نۆۋەت بىلەن مۇزىكا ئورۇنلاپ بەردى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتى، نەق مەيدان شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى. يۇرتداشلار قاتتىق ھاياجانلاندى، ھەممەيلەن بەس- بەستە سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇۋاتقان تۇغقانلىرىغا گۈل تۇتۇشتى، چىرايلىق شارپا ئارتىشتى. ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە «ۋەتەنگە مەدھىيە» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  «ئىلگىرى كونسېرتنى تېلېۋىزوردىلا كۆرگەن ئىدىم، تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا بۇنداق كونسېرت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، تولىمۇ خۇش بولدۇم» دېدى كەنت ئاھالىسى سائەتخان موللى ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا كۆرگەن ئاشۇ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق كونسېرتنى ئەسلەپ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا.

  مول مەنىۋى ئوزۇق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى

  9- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتى قەلبداشلار مەدەنىيەت مەيدانى كىشىلەر بىلەن تولغان، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت مەكتىپىنىڭ ھال سوراش ئويۇنى قويۇش ئۆمىكى كەنت ئاھالىلىرىگە «بىز يېڭى دەۋردىكى شادىمان ئۆسمۈرلەر»، رەپ ناخشىسى- كوچا ئۇسسۇلى «This is 新疆» قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بەردى.

  «بۇنداق كۆپ ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ بالدىنمۇ شېرىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. نەچچە كۈندىن كېيىن، ئاقسۇغا ئىشلەمچىلىككە بارىمەن، مەن تىرىشىپ، كۆپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ باياشات ئۆتكۈزىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى روزىنىسا توختى كۈلۈپ تۇرۇپ.

  5- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قويۇلغان «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» ناملىق نومۇر تاماشىبىنلارنىڭ كەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كىچىك مەيدانغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش، بۇ ئېسىل نومۇرنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى دىراما نومۇرلىرىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتتى. 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات كەنتلەردە قويۇلدى.

  10- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭ داشۆنىڭ يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى تاختا كۆۋرۈك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ما جيەنشىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازىرى تاختا كۆۋرۈك كەنتىدە «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»نى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىمۇ بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئويۇننى كۆرۈش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز، ئۈرۈمچىدىن يىراق سەھرادا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئويۇن كۆرۈپ ھۇزۇرلانغانلىقىمدىن ھەقىقەتەن تولىمۇ خۇش بولدۇم، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

  ئويۇن چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، چىن ماھارەت بىلەن ئورۇنلاندى

  11- ئاينىڭ 3- كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ 68 كىشىدىن تەركىب تاپقان مۇزىكىلىق دىراما گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قىزىل كىلاسسىك دىراما «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»نى شىمالىي شىنجاڭدىكى تۆت ناھىيە، شەھەردە سەييارە قويۇشقا باشلىدى.

  سەييارە ئويۇن قويۇشنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە، دىراما گۇرۇپپىسىنىڭ ئارتىس ۋە خىزمەتچىلىرى يېتىپ بارغان شۇ كۈنىلا كېچىلەپ رېپېتىتسىيە قىلدى. قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تىياتىرخانىنىڭ سەھنىسى كىچىكرەك، تار بولغاچقا، دىراما گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار يۇمشاق دىكوراتسىيەنى ئۇستىلىق بىلەن قاتتىق دىكوراتسىيەنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىپ، ئوخشاش ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، يەنە سەھنىدە بار بولغان پەلەمپەيدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈنۈمىدە مۇز تاغنىڭ قاتلاملىق بولۇشتەك دىكوراتسىيەنىڭ ئورنىغا مۇكەممەل دەسسەتتى.

  «بۇ بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئەدەبىيات- سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى كۆپ تۈرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. يىل بېشىدا، بىز ئون ئەدەبىيات- سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق ئەدەبىيات- سەنئەت تايانچىسىنى تەشكىللەپ، 100 دىن ئارتۇق يېزا- بازارغا بېرىپ <بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز− مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە كىرگۈزۈش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. 2018- يىلىدىكى ئېغىر نامرات كەنتلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق يەتتە ئەدەبىيات- سەنئەت يۇرتى، ئۆمىكى توققۇز تارماق ئويۇن قويۇش ئەترىتىنى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى 12 ئويۇن قويۇش تارماق ئەترىتىنى تەشكىللەپ يېزىلارغا ئويۇن قويۇشقا ئەۋەتتى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئەدەبىيات- سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ جەمئىي 1300 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويدى» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى يۇڭ تونۇشتۇرۇپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى