ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«ئىككى تور» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى

2018.12.29 16:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات- سودا كوپىراتىپىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىچى سېتىۋېلىش تورى ۋە شىنجاڭ سىرتى سېتىش تورى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا شىنجاڭ ئىچى ساقلاش، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سودا، يىغىش، تەقسىملەش مەركىزى تۈرىدىن بەشىدە قۇرۇلۇش باشلاپ، 220 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى تىجارەت- مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ سىرتى سېتىش تور نۇقتىسىدىن 2000 نەچچىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئايرىش، تاللاش، ساقلاش، تەقسىملەش مەركىزىدىن ئۈچنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش- سېتىش «ئىككى تور»ىنى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەملەشتۈرگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قۇرۇلۇش باشلانغان بەش شىنجاڭ ئىچى سېتىۋېلىش تورى تۈرى ئىچىدە، شىنجاڭ ياڭاق(خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرى ھەم ساقلاش، پىششىقلاش، يىغىش، تەقسىملەش مەركىزى، پىچان باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش، پىششىقلاش سودا مەركىزىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرنىڭ بىر قىسىم فۇنكسىيەلىك ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش تاماملانغان ھەم تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن، قالغان ئۈچ تۈردە كېلەر يىلى 7- ئايدا بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇش تاماملىنىدىكەن ھەم ئارقا- ئارقىدىن تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  «بۇ بازار بولغاچقا، ياڭاقنى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق، باھاسىمۇ سىرتقا قارىغاندا يۇقىرى!» قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ماڭلاي يېزىسى باش ماڭلاي كەنتى ئاھالىسى ئابلىكىم مەمەت باش بارمىقىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بۇ بازار ئېچىلغاندىن كېيىن، ياڭاق سېتىش كۆپ قولايلاشتى، يېڭىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا راسچوت ئۇسۇلى مال پۇلى نېسى قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈردى.

  كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان سېتىۋېلىش سىستېمىسى شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يولىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئالاقە تورى بىلەن زىچ بىرلىشىش ئارقىلىق، سودىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى، تېزلەشتۈردى.

  «شىنجاڭ ياڭاق(خوتەن) توپ سېتىش سودا بازىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا B2B سودا كەسپى ئېچىلغاندىن بۇيان، توردىكى سودا سوممىسى كۈنىگە 100 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغان ھالەتتىن راۋاجلىنىپ ھازىر كۈنىگە 4 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى.» شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا مەسئۇلى جەي كەييۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق توپ سېتىش بىلەن ئەمەلىي توپ سېتىش بازىرى بىر گەۋدە قىلىنغان تىجارەت- سېتىش ئەندىزىسىنى كۈچنى ئاشۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، سودا مۇلازىمىتى، بازار ئۇچۇرى، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش قاتارلىق بىر بېكەتلىك توردا توپ سېتىش- سېتىۋېلىش مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودا يۆنىلىشى ۋە باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، توردا سودىلىشىش، تەمىنات زەنجىرىنى باشقۇرۇش، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  شىنجاڭ سىرتى سېتىش تورى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، بۇ يىل، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى «ئۆزى قۇرۇش + قوشۇپ سېتىۋېلىش» «ئۆزى تىجارەت قىلىش + ئىتتىپاق تۈزۈش» قاتارلىق ئەندىزە بويىچە، كۆپ يول ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ سىرتى سېتىش تورىنى زىچلاشتۇردى. قىسقىغىنا يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى پارچە سېتىش داڭلىق ماركىسى «چيەنگوجى»، پېيى كونترول قىلىنغان يىچاڭ «گوگودو» ۋە جىڭجوۋ «شيەنگوگو» قاتارلىق جەمئىي 200دىن كۆپ مەھەللە دۇكىنىنى قوشۇپ سېتىۋېلىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، بازار كۆلىمىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئەندىزىسىدە ئەنئەنىۋى يولدىن مەھەللىدە بىۋاسىتە سېتىشقىچە، مۇستەقىل تىجارەت قىلىشتىن مەملىكەت بويىچە ھەمكارلىشىشقا يۈزلىنىشكىچە بولغان ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى مەھەللە يېڭى مېۋە پارچە سېتىش دۇكىنىدىن 303نى قۇرۇشنى تاماملىدى، سودا ساراي، تاللا بازارلاردا مەخسۇس پوكەيدىن 2000نى ئاسراپ مۇستەھكەملىدى، گۇاڭجوۋ، ۋۇخەن، شىئەنگە جايلاشقان 12 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئايرىش، تاللاش، ساقلاش، تەقسىملەش مەركىزىنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكۈزدى ھەم تىجارەتكە كىرىشتۈردى، چاۋجوۋغا جايلاشقان 40 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق پىششىقلاش، ئايرىش، تاللاش، تەقسىملەش مەركىزىدە يېقىندا قۇرۇلۇش باشلاپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى تولۇق پۈتتۈرۈش ھەم تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر