ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كۈچى يېشىل مۆجىزە ياراتتى

− شىنجاڭنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا خاتىرە

مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي

2018.12.29 16:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئورمان بەرپا قىلىش شارائىتى ئەڭ جاپالىق رايونلارنىڭ بىرى. 40 يىل مابەينىدە، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بۇ يەردىكى بوستانلىقلارنى مۇستەھكەملەپ، چۆللىشىش يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، چەكسىز ئورمانلار غايەت زور بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باھار كەلسىلا، ئادەم ئولتۇراقلاشقانلىكى جايلار مۇقەررەر ھالدا يېشىللىققا پۈركىنىدۇ.

  مۇۋەپپەقىيەت ھەرگىزمۇ ئەجىرسىز قولغا كەلگەن ئەمەس. 40 يىل مابەينىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن تەڭ قەدەمدە جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇشىغا كىرگەن ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئابىدىگە ئوخشاش زېمىندا قەد كۆتۈردى. بۇ يەردە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى داۋاملىق نامايان بولماقتا.

  ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ سېپىل ھاسىل قىلىندى

  12- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپى. كۆكيار بۈك- باراقسان ئورمان رايونىدا يەرلەر قېلىن غازاڭ بىلەن قاپلانغانىدى، بىراق 32 يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ھەتتا بىرەر تال يوپۇرماقمۇ يوق ئىدى.

  1986- يىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە كۆكيار چۆللۈكىدە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر رايونىغا ئۈزلۈكسىز يېقىنلاپ كېلىۋاتقان سېرىق قۇمنى توسىدى. ئەينى چاغدىكى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شيې فۇپىڭ ئاددىي ۋە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: كۆكياردا كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قىلىشتا، قۇم- بوراننى توسۇپ، ئاقسۇ خەلقىگە كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغانىدۇق. ئۇ چاغدا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاقسۇ دەرەخلەر بىلەن ئورالسا، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق.

  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت ئامما چۆلنى كۆكەرتىش قەدىمىنى ئەزەلدىن توختىتىپ قويمىدى، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئاقسۇ تۇپرىقىدا ئاز- ئازدىن كېڭىيىشكە باشلىدى، بۈگۈنگە قەدەر، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى سۈنئىي ئورمان كۆلىمى 5 مىليون 220 مىڭ موغا يەتكۈزۈلدى.

  40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق چارە- ئاماللار بىلەن ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى توپلاپ قۇرۇلۇشنى قوللاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى.

  كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تۈرلۈك خىزمەتتە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى. 40 يىل مابەينىدە، شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىندى، ھەر يىلى ئەتىيازدىكى كۆچەت تىكىش پەسلىدە، بارلىق كۈچ قاقاسلىق، قۇملۇق ئەتراپى، بوستانلىقلارغا مۇجەسسەملىنىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك كۆچەتلەر تىكىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق نامايان بولماقتا، قۇملۇقتا يۇلغۇن بىلەن توشقانزەدىكى تەڭ ئۆستۈرۈلدى؛ بوستانلىقتا ياڭاق، چىلان ماسلاشتۇرۇپ تىكىلدى؛ ئېتىز قىرلىرىدا يوغان دەرەخ، ئۇششاق كۆچەتلەر كەينى- كەينىدىن ئۆستۈرۈلدى، يول بويلىرىدا كونا، يېڭى دەرەخلەر يىراققا سوزۇلدى.

  ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسىدىكى سەرخىل قۇرۇلۇشلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى دۇڭشەن ئورمان بەرپا قىلىش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى لاۋفېڭكۇ ئورمان بەرپا قىلىش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بېيشەن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈرۈمچى- شۈيشىگۇ، ئۈرۈمچى- بەنفاڭگۇ تاشيولى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئورمانچىلىقتىكى ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشلىرى ئاجايىپ نۇر چاچتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسى ئورمان بەرپا قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى 14 يىلدىلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاقاسلاشقان يەر كۆلىمى 1011 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 101 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئازايدى. ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مۇشۇنداق كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە ئون يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇردۇق، بۇ سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى.

  پەن- تېخنىكا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرەك بولدى

  ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقى بويىچە خۇلاسىلەش- تەقدىرلەش يىغىنىدا لۇ تيەنپىڭ «يېشىل سەددىچىن سېپىلى مېدالى»غا ئېرىشتى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورمان بەرپا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ بۇ ئالىي ئىنژېنېرىنىڭ 36 يىلدىن بۇيان شۇغۇللانغان سان- ساناقسىز ئىشلىرىنى ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئورمان بەرپا قىلىپ قۇمنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بىر ئىشقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  ئاساسەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئورمان سورتلۇق ئۇرۇق تەجرىبە پونكىتىدا، ئورمانچىلىق- باغۋەنچىلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەن جېڭ شىنگو خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك كۆچەت تۈرىنىڭ سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە باشلىغانىدى.

  ئون نەچچە يىل ۋاقىتتا، تىيانشاننىڭ ئىككى ياقىسىدا ئايرىلىپ تۇرغان لۇ تيەنپىڭ بىلەن جېڭ شىنگو ئۆزئارا تونۇشمىسىمۇ، ئەمما پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوخشاش بىر ئىشنى قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، لۇ تيەنپىڭ دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئون نەچچە تۈرلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان بەرپا قىلىش ساھەسىدىكى مۇھىم مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىپ، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى «توغراقلىقنى يېڭىلاپ قايتا ياشارتىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش» «قۇم- بوران، شېغىللىق، چۆللۈككە ئوخشاش قىيىن يەر شارائىتىدا ئورمان بەرپا قىلىش» قاتارلىق نۇرغۇن تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى.

  جېڭ شىڭگونىڭ كۆپ يىل دەرەخ سورتى تاللاپ يېتىشتۈرۈش تىرىشچانلىقى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ شىنجاڭ بولىن پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى توغراق، قارا ياغاچ، جىگدە، جىغان، يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىق بىرقانچە ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئەلا سورتلۇق دەرەخ تۈرلىرىگە ئىگە شىركەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان سورتلۇق كۆچەت بىلەن تەمىنلەيدىغان سودىگەرگە ئايلاندى.

  لۇ تيەنپىڭ بىلەن جېڭ شىڭگو ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى پەن- تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەڭ كىشىلەر توپىنىڭ ۋەكىلى.

  40 يىلدىن بۇيان، يېڭى تېخنىكىلار ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز قوللىنىلدى، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق سۇ تېجەپ سۇغىرىپ ئورمان بەرپا قىلىش تېخنىكىسى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلدى، بۇ ئارقىلىق تۈزلەڭلىكلەردىكى بوستانلىق ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، مۇداپىئە ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى. باغۋەنچىلىكتە پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلاش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، مېۋە سۈپىتى ۋە بىرلىك ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئورمانچىلىقنىڭ سېلىشتۇرما ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

  ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بىر يۈرۈش ئورمانچىلىق يېڭى تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشقا سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، نۇرغۇن تۈر رايونىدا پەن- تېخنىكىنىڭ تۆھپە نىسبىتى ھەتتا %90 تىن ئاشتى.

  جەسۇرانە ئىرادە ئارقىلىق ئۇلۇغۋار پىلان نامايان قىلىندى

  20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىدىكى ياش دېھقان فۇ جىجوۋ ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى قۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قۇملۇققا يۈرۈش قىلىپ، ئىنتايىن مۈشكۈل بولغان قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بەرپا قىلىش ھاياتىنى باشلىغان.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، فۇ جىجوۋنىڭ قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك روھ بىلەن 12 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تىزگىنلىدى، 158 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر قوغدىلىپ، تىزگىنلەش رايونىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئەڭ دەسلەپكى %3 تىن بۈگۈنكى %70 كە ئۆستى.

  «يالغۇز كۈرەش قىلغاندا قۇملۇق رايونىدا ئورمان بەرپا قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشقاندىلا، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ» دېدى فۇ جىجوۋ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەر تەرەپتىكى ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ئۈزلۈكسىز سەپەرۋەر قىلىپ، «غوللۇق دەرەخ، چاتقال، ئوت- چۆپ، نۇقتا، بەلباغ، دائىرە» زىچ بىرلەشكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، كۆچمە قۇمنىڭ كۆچۈشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: 40 يىلدىن بۇيان، ئۈچ شىمال تۇپرىقىدىكى تاغ- دەريالاردا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەممە يەرنى يېشىللىق قاپلاپ، قاقاسلىقتىن بوستانلىققا ئايلىنىشتەك يېشىل سىمفونىيە ياڭرىتىلىپ، ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ بۇرۇنقى دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدەك تەسىرلىك سەھىپە پۈتۈلدى.

  2019- يىلى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، خاسىيەتلىك قار قاپلىغان تۈمەن چاقىرىملىق تۇپراقتا يېڭى دەۋر سەھىپىسى ئېچىلدى.

  باھار كېلىپ، قارلار ئېرىگەندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى قايتىدىن بۈك- باراقسانلىققا ئايلىنىدۇ ۋە يېشىللىققا پۈركىنىدۇ. بۇ چەكسىز ئورمان دېڭىزىدا شىنجاڭدىكى 23 مىليون خەلقنىڭ گۈزەل يۇرت- ماكانىنى قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى خاتىرىلەنگەن، كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان چەكسىز ئۈمىدى يۈكلەنگەن. ئۈمىدكە تولغان بۇ تۇپراقتا يېشىللىق ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ، كېڭىيىدۇ...
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر