ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.12.24 15:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئورمان بايلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم تەبىئىي بايلىقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ماددىي ئاساسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئۇ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇميۈزلۈك قوغداش ئاساس قىلىنغان ئورمانچىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئورماننى ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى، ئورمان بايلىقىدا ئومۇمىي مىقدار سىجىل ئېشىش، سۈپەت كۆرۈنەرلىك ئۆسۈشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تۈزۈپ، ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى بويىچە، گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى نىشان، ساغلام، مۇقىم بولغان، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئورمانلارنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، ئورمان بايلىقىنى سىجىل باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، بايلىقلارنى قوغداشنى يادرو، ئورمان ھوقۇقىنى باشقۇرۇشنى ئاساس، بايلىقنى باشقۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش- ئۆلچەشنى ۋاسىتە، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كاپالەت قىلغان ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى