ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قەرز پۇل سوممىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى

شىنجاڭ بانكىچىلىقى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە پائال ياردەم بەردى

2018.12.24 15:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ سەيۋو پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تيەن خۇي مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى بانكىسى تۈرلۈك چارە- تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىمىزدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، يەنە بىزگە قەرز بېرىش سوممىسىنى كۆپەيتىپ بەردى، ھازىر بىز بانكىدىن 60 مىليون يۈەن قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدۇق، مۆلچەرلىشىمىزچە، بۇ پۇل ناھايىتى تېزلا تارقىتىلىپ نەقلىشىدۇ».

  بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى، قايتا قەرز بېرىش، قايتا دىسكونت قىلىش قاتارلىق پۇل سىياسىتى ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ھەرقايسى سودا بانكىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەكلىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 284 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.67 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قەرز پۇل بېرىش ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.46 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

  بۇ يىل، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى «بانكا، ئاكسىيە بازىرى، سۇغۇرتا شىركىتى» ھەمتۈرتكە بولىدىغان «چوڭ پۇل مۇئامىلە» ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، نىشانلىق ھالدا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى، تۆت قېتىم جەمئىي تۆۋەنلەتكەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئۈچ پىرسەنت پوئېنتتىن يۇقىرى بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا جەمئىي تارقاتقان مەبلەغ 60 مىليارد يۈەن بولدى. 11- ئاينىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق پۇلى، چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز قالدۇقى 1 تىرىليون 867 مىليارد 230 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 119 مىليارد 470 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 100 مىليارد يۈەنلىك پۈتۈن يىللىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كىرېدىت نىشانىنى تاماملاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك راۋاجلىنىشىنى يېتەرلىك مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  پۇقراۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى كۆپ خىل پۇل سىياسىتى ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، سودا بانكىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ 3 مىليارد 600 مىليون يۈەن قايتا قەرز بېرىش، قايتا دىسكونت قىلىش سوممىسىنى كۆپەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇنى پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قوللاشقا مەخسۇس ئىشلىتىش بىلەن بىللە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قايتا قەرز پۇل بېرىش ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ، بانكىلارنى يەككە مۇئامىلدارلارغا 5 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن قەرز بېرىشتە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى ئىناۋەتلىك قەرز بىلەن قوللاشقا يېتەكلىدى.

  11- ئاينىڭ 2- كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى بانكىلاردىن قايتا دىسكونت قىلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىشنى يەنىمۇ زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز ئېلىشىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ھوقۇق سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا يۈرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۈرۈمچى جۇماديەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدا جەمئىي 82 كارخانا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى%60تىن كۆپرەكى پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە كىچىك، مىكرو كارخانا. ئۈرۈمچى جۇماديەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى خەن ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى بەزى بانكىلار رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 50 مىليون يۈەندىن تۆۋەن كارخانىلار رەنىسىز، كېپىلسىز ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى چىقاردى. ھازىر بىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز، كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچىمىز بار».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى