ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو-ئالجىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئۇيخىيا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.12.21 18:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرىدىن باشقا ئالجىرىيەنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت، ئالجىرىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن- ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. 2014- يىلى جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى، تېز تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە- ئۈنۈم يارىتىلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن. مەن جۇڭگو- ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇتېفلىكا تەبرىك تېلېگراممىسىدا 60 يىلدىن بۇيانقى ئالجىرىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىياتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالجىرىيە تەرەپ ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئۇيخىيا بىلەنمۇ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو- ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى ھەر ساھە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇيخىيا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئالجىرىيە- جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستانە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى