ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقى ۋە ئاممىنىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2018.12.21 18:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             ھازىرغىچە تالاپەت كۆرۈلگەنلىك ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىق ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. 12- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 19 دىن 8 مىنۇت ئەتراپىدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 39.08 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 74.75 گىرادۇس، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئون كىلومېتىر بولۇپ، ئېگىز تاغلىق ئادەمسىز رايون ھېسابلىنىدۇ. تەۋرەش مەركىزى ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرىغا 83 كىلومېتىر، ئاقتۇ ناھىيە بازىرىغا 103 كىلومېتىر كېلىدۇ. 12- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 20 گىچە، شىنجاڭ يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورى خاتىرىلىگەن ئەڭ چوڭ قالدۇق يەر تەۋرەش 4.3 بال بولغان.

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىرىنچى ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە ئەگەشمە ئاپەتتىن يېقىندىن مۇداپىئەلىنىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقى ۋە ئاممىنىڭ سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەر تەۋرەش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار ھەم شۇ يەردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تېزدىن كۈچ تەشكىللەپ، ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ھازىرغا قەدەر، تالاپەت كۆرۈلگەنلىك ۋە مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغانلىق ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى