ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.12.21 18:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يەنە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىشقا ئىرادە باغلىدى. كۆپچىلىك تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈردى»

  ئالتاي شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خەن جيې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ قەلبىم ناھايىتى ھاياجانغا تولدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن كۈچلۈك يۆلىشى بىلەن، تۇرۇشلۇق جايىمىزدىكى نامرات كەنت تەرەققىي قىلىپ «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل يېزا- كەنت»كە ئايلاندى، بۇ، بىزنى سادىقلىق بىلەن چېگرانى قوغداپ، قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

  لوپ ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى تيەن پىڭلى چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: مەن بۇ تۇپراقتا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەرگە بىۋاسىتە گۇۋاھ بولدۇم. بۈگۈنكى لوپنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئىچكىرى جايلاردىن بارغانسېرى كۆپ مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر بۇ يەرگە كېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، ئىگىلىكنى گۈللەندۈردى، ئامما تەبەسسۇم بىلەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىدى.

  كۇچا ناھىيەسى دۇڭچېڭ كوچىسى شىنتيەندى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى پەرھات ئىمىن مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرى بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىشچىلارنىڭ قول ھارۋىسى بىلەن توسما سېلىشتىن ھازىرقى تولۇق ماشىنىلاشقان، ئېلېكتىرلەشكەن توسما سېلىشقىچە بولغان جەريانىغا بىۋاسىتە گۇۋاھ بولدۇم، بۇ 40 يىلدا ۋەتىنىمىزدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى قۇدرەت تېپىپ، خەلقنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  خوشۇت ناھىيەسىنىڭ نەرىنكېر يېزىسى ئولزەت كەنتىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى باتېر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، بىز چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىز جەزمەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ پېڭجۈ مۇنداق دېدى: ئەڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى كېسەل كۆرۈشتىكى «كونا ئۈچ ئۈسكۈنە» (تىڭشىغۇچ، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، تېرمومېتىر)دىن بۈگۈنكى زامانىۋى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكىچە، ئەڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى «يالاڭ ئاياغ دوختۇر»دىن بۈگۈنكى مۇكەممەل داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىغا ئىگە بولغۇچە، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر خىل سىياسەتلەرمۇ ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەڭ ئاغرىقلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

  «يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز»

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سىدىق سەمەت مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش بۇرغىسى، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى، بىز ھەسسىلەپ ھاياجانلاندۇق. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سودىگەر چاقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  كۆكتوقاي ناھىيەسى تېمېكى يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى ۋاڭ خاۋيۈ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  خوتەن ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كادىرى تيەن خەي مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلىشىمىز، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىمىز، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مېنىڭ <ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش> ئىشەنچىم ۋە ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئۇلۇغ ئارزۇغا ساقلاش، توۋلاش ئارقىلىق يەتكىلى بولمايدۇ، بەلكى جان تىكىپ ئېلىشىش، ئىشلەش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ». بورتالا شەھىرى نەنچېڭ رايونى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر مېنكبۇيىن مۇنداق دېدى: زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى، مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ زورلۇقىنى ھېس قىلدىم. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەغرۇرلانماي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ساپايىمنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچ قوشىمەن.

  «ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز»

  چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جوۋ جېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، «بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش» بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، چاقىلىقنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  فۇكاڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما خۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە، ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىيدا پىشقان، ماھارىتى يۇقىرى ھەم كۈچلۈك، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دىلمۇرات سىراجىدىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مول مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر ليۇ جىخۈەي مۇنداق دېدى: دۇنيادا ئەمگەك قىلماي راھەت كۆرىدىغان ياخشى ئىش يوق، بەختلىك بولۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، كەسپىي مائارىپ ئىشلىرىمىز كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ھۈنەرۋەنلەرنى يېتىشتۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. بىز ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، قەتئىي ئىرادىنى ساقلاپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  (مۇخبىرلىرىمىز چېن چېن، جاڭ تىڭ، ۋېي خۇڭپىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن دەي ۋاڭفاڭ، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۇڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، جاڭ خۈيجياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ خوۋيۈن، لىن خۈەن، گاڭ لىچياڭ، خۇاڭ زۇڭشىڭ، ۋاڭ زىبىڭ، ئەكبەر بارى، ما چېڭلۇ، جوۋ لى، چى نا، ۋېن بو)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى