ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تەپتىش ئورگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى تەبرىكلەندى

«ئىسلاھات ئاۋانگارتى» يولداش جاڭ بياۋنىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرى ئۆگىنىلدى، تەشۋىق قىلىندى

2018.12.21 18:07 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» يولداش جاڭ بياۋنىڭ ئىلغار ئىش- پائالىيەتلىرىنى ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن داغدۇغىلىق تەقدىرلەنگەن «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» يولداش جاڭ بياۋغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىدىكى 9- قېتىملىق ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخس نامىغا ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە شىنجاڭنىڭ تەپتىش سېپىدىكى بارلىق تەپتىش خادىملىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. جۇ خەيلۈن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى قەتئىي كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يولداش جاڭ بياۋنىڭ ئىلغار ئىش- پائالىيەتلىرىنى ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى، شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىش، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر تەپتىش خىزمىتىدە توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە دەل جايىدا زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى؛ قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئومۇملۇققا ئاڭلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى؛ قەتئىي تەۋرەنمەي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  جاڭ بياۋ يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ماڭا بۇ شەرەپنى بېرىشى ماڭا غايەت زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە نىسبەتەن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولدى. مەن بۇ شەرەپنى قەدىرلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەپتىش كادىرىغا خاس خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئىجادىيەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى