ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

5000 كىلومېتىر يىراقلىقتىن ئۇچۇپ كەلگەن «ئاق خالاتلىق پەرىشتە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ بىڭياڭ

2018.12.21 18:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «قان بېسىمىڭىز يەنىلا بەك يۇقىرى ئىكەن، ھازىر يەۋاتقان قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش دورىسى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن، يەنە بىر خىل يۈرەك سانجىقى دورىسىنى قوشايلى». شاڭخەي جۇڭيى دورىگەرلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى شۇگۇاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سۈي سۇڭ كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئاغرىق يۈسۈپقادىر ئەبەيگە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن باشقا، قان تومۇرنى سايىلەندۈرۈپ سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىنى بىلىپ باقايلى.

  12- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەتەننىڭ غەربىي چېگرا رايونى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرى چىغلىق كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىدا ئالتۇن جىيەكلىك كۆزەينەك تاقىغان، ئاقپىشماق كەلگەن سۈي سۇڭ 56 ياشلىق كەنت ئاھالىسى يۈسۈپقادىر ئەبەينىڭ كېسىلىنى كۆرۈۋاتاتتى. يۈرىكىگە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، يۈسۈپقادىرنىڭ مەيدىسى يەنىلا چىڭقىلاتتى. سۈي سۇڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ رازىمەنلىك بىلەن قايتتى.

  بىر كۈن ئىلگىرىكى سەھەر سائەت 4 تە، توققۇز شاڭخەيلىك مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن داۋالاش ئەترىتى ئۆيىدىن يولغا چىقىپ، يەتتە سائەتتىن كۆپرەك ئايروپىلانغا ۋە ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، 5000 كىلومېتىر يول بېسىپ، گۇما ناھىيەسىگە خالىس كېسەل كۆرگىلى كېلىپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. سۈي سۇڭ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

  چىغلىق كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خالىس كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا، كەنت ئاھالىلىرى سوغۇققا قارىماي بەس- بەستە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنىدى، ئاق خالات كىيگەن، تەلەپپۇزى مۇلايىم ھەر بىر دوختۇرنىڭ ئالدىدا بەش- ئالتىدىن كەنت ئاھالىسى كېسەل كۆرسىتىشنى ساقلاپ تۇراتتى.

  كەنت ئاھالىسى ئەخمەت ياسىن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى نۇرغۇن كىشى ئاغرىپ قالسا ناھىيەگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىدىغانغا شارائىتى بولمىغانلىقتىن، ۋاقتىدا داۋالىنالمايتتى. ھازىر شاڭخەيلىك مۇتەخەسسىسلەر ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ كېسىلىمىزنى خالىس كۆرۈپ قويىدىغان بولدى، ئىلگىرى بۇنداق بولۇشنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتۇق.

  گۇما ناھىيەسى قۇملۇق چېتىدىكى ئايرىم بىر بوستانلىققا جايلاشقان، بۇ يەردە قاتناش قولايسىز، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ئاز بولۇپ، ئېغىر نامرات رايون ھېسابلىنىدۇ، يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى، قۇرغاقچىلىق، كۈچلۈك كۈن نۇرى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك كېسىلى، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، نامراتلىققا قايتىش نامراتلىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  داۋالاش، قاتناش قاتارلىق شارائىتلارنىڭ نىسبەتەن ئارقىدا قېلىشى، ئاساسىي سەھىيە- ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ بۇ يەردىكى كېسەل بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ سەۋەبىدۇر. خالىس كېسەل كۆرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا، سۈي سۇڭ گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلىدى.

  «ساۋاقداشلارنىڭ ئارىسىدا قانچىڭلارنىڭ ئۆيىدە يەنە مۇشۇنداق تاش ئېرىتىلگەن سۇدا تاماقنىڭ تەمىنى تەڭشەيسىلەر؟» سۈي سۇڭ قولىدا بىر پارچە ئېغىر تاشتۇزنى كۆتۈرگىنىچە پەستىكى ئوقۇغۇچىلاردىن سورىدى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى قولىنى كۆتۈردى. «تاشتۇزنىلا ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندە يود كېمىيىپ كېتىپ، قالقانسىمان بەز ئىششىقى، يەنى پوقاق بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا، ئۆيۈڭلەرگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاتا- ئاناڭلارغا يودلۇق تۇز يېيىش كېرەكلىكىنى ئېيتىڭلار.»

  سۈي سۇڭ قول يۇيۇش، يودلۇق تۇز ئىستېمال قىلىش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىدىن باشلاپ، جانلىق تىلدا سۆزلەپ، پائال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى ۋە ئالقىشلار ياڭرىدى. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بالىلار سۈي سۇڭنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، بەس- بەستە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. سۈي سۇڭ: بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشى ساغلاملىق ۋە سەھىيە ساۋاتلىرىنى بىلمەيدىكەن، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشقا توغرا كېلىدىكەن، دېدى.

  سىنىپتىكى بالىلارنىڭ تەبەسسۇملۇق چېھرىدە ئۇلارنىڭ يېڭى بىلىمگە ئېرىشكەن خۇشاللىقى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى، خالىس كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدىكى ئاغرىقلار ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي «رەھمەت» دېيىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن دوختۇرلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىدى.

  2010- يىلىدىن باشلاپ شاڭخەي «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، شۇ جايدىكى ئوخشاش بولمىغان چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە پەنلىرىدىن ئۆمەك تەشكىللەپ، كوللېكتىپ ھالدا شىنجاڭنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا نىشانلىق ياردەم بەردى.

  چەت، يىراق رايوندىكى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا نۇرغۇن كىشى ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

  بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلامدىكى خالىس كېسەل كۆرۈشكە بىللە قاتناشقانلاردىن يەنە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسى جۇاڭ شىخۇا كىچىك ئەترىتىدىكى توققۇز داۋالاش مۇتەخەسسىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ، ئۇلارنىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى 8- قېتىملىق سەييارە كېسەل كۆرۈشى ئىدى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ پەخرىي دوختۇرخانا باشلىقى بولغان جۇاڭ شىخۇا بۇرۇنقىدەكلا خالىس كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىغا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتقىنىغا 46 يىل بولدى، قەدىمى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممە يېرىگە يەتتى، ئۇ جەمئىي 400 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ سەييارە كېسەل كۆرۈپ، 390 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپ ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆردى.

  دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى مى فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقنى بېسىپ، جاپاغا قارىماي بۇ جايغا كېلىشتىكى مەقسىتى كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، كېسەلنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىش يولىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قىلىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈندۇر. قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، كۆپچىلىك ۋەتەننىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى