ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2018.12.21 17:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 11- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەمدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنى ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەمكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم سىياسىي تېما قىلىپ، ئىسلاھاتنى قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ نوچىلارغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈچلۈك نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قىستىشى؛ «ئىشلەش»، «ئەمەلىي بولۇش»، «يېڭىلىق يارىتىش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىشلەپ، كويىدا بولۇپ ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشى؛ دىققەتنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رېۋىزىيە ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈپ، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى