ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

(2018- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى)

شى جىنپىڭ

2018.12.20 20:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يولداشلار، دوستلار:

  1978- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغان مۇھىم بىر كۈن. بۇ كۈنى، پارتىيەمىز 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان پارتىيەمىز تارىخىدا چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى باشلىدى.

  بۈگۈن بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز.

  يولداشلار، دوستلار!

  پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز قايسى يولنى تاللاشقا دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور تارىخىي ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلدى. ئەينى چاغدا، دۇنيا ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقانىدى، لېكىن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ئون يىللىق ئىچكى قالايمىقانچىلىقىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان، خەلقنىڭ كىيىش- تويۇشىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى، دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئىشلار گۈللىنىشنى كۈتۈپ تۇراتتى. پارتىيە ئىچى- سىرتىدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش كۈچلۈك تەلەپ قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت مۈشكۈل ئەھۋالدا قايتىدىن غەيرەتكە كەلدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: «ئەگەر ئەمدى ئىسلاھاتنى يولغا قويمايدىغان بولساق، بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىمىز ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىمىز نابۇت بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

  يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ قوللىشىدا، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئۇزاقتىن بۇيانقى «سولچىل» خاتالىقنىڭ ئېغىر ئىسكەنجىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئىككى ئومۇمەن» خاتا فاڭجېنىنى تەنقىد قىلىپ، جەزمەن تولۇق، توغرا بولغان ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ئىگىلەنگەن ئىلمىي سىستېمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، «سىنىپىي كۈرەشنى تۇتقا قىلىش»قا كەسكىن خاتىمە بېرىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى، سىياسىي لۇشيەنى، تەشكىلىي لۇشيەنىنى قايتىدىن تۇرغۇزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

  پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش تارىخىي قارارى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەش ئاساسىدا، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش ئاساسىدا، دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ئاساسىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا چىقىرىلغان. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: «نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس»، «بىز دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىمىز كېرەك، بۇ، ئىسلاھات يەتمەكچى بولغان مەقسەت» دەپ كۆرسەتتى.

  تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بار، لېكىن ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي پاسسىپ ئەمەس. تارىخىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، تارىخىي ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، ئىنسانلار جەمئىيىتى تېخىمۇ ياخشى ئالغا باسالايدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئويغىنىش پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب، دەل مۇشۇ ئۇلۇغ ئىنقىلاب جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى!

  يولداشلار، دوستلار!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش «4- ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن ئۈچ ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقە، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇلۇغ ئابىدە.

  يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم- لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەت قان كېچىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاپ بەردى ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ بەردى. ئىزدىنىش جەريانىدا، گەرچە ئېغىر ئەگرى- توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي نەزەرىيەۋى نەتىجىلەر ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تارىخىي مەزگىلدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيەۋى تەييارلىق، ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجابىي، سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تارىخىي قارارنى چىقىرىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەننى بېكىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى بىر قاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، 21- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغىچە ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتەك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلدى.

  پارتىيە 13- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇشقا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. دۆلەت ئىچى- سىرتى ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، دۇنيا سوتسىيالىزمىدا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىقلار كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن سىناقلار ئالدىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدىكى ئىسلاھات نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە تەقسىمات تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 21- ئەسىرگە يۈزلەندۈردى.

  پارتىيە 16- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش خۇ جىنتاۋنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈردى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، ئەمەلىيەتنى يەكۈنلەش، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىگە قارىتا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش ياساش، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى دەۋرگە باشلاپ كىردى. بىزنىڭ غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى تىرىشىپ كۈچەيتىش، مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 1600دىن كۆپرەك ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن شىددەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ساھىللارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، تېز، پۇختا قەدەم ئېلىش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردۇق.

  جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. 40 يىلدىن بۇيان، بىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دادىل سىناپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزگەرتىپ، يېڭى زېمىن ئاچتۇق. مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش، يېزا- بازار كارخانىلىرى يېڭى كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈش، دېھقانچىلىق بېجى، چارۋىچىلىق بېجى ۋە ئالاھىدە مەھسۇلات بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن يېزا ھۆددە يېرىدە «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقىچە، شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى تەسىس قىلىش، دېڭىز بويى، چېگرا بويى، دەريا بويى، لىنىيە بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى مەركىزىي شەھەرلەرنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتىنى پىلانلاش، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكىچە، «كىرگۈزۈش»تىن «چىقىرىش»قىچە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ياخشى باشقۇرۇش، يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتىن دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقىچە، يەككە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇش ۋە «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇشقىچە، ئەنئەنىۋى پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ئالدىنقىلار قىلىپ باقمىغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگىچە، يەنە ئۇنىڭدىن بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئاساس قىلىشتىن ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، تاشقى ئىشلار تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم، زور ئىسلاھاتلار پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، تۈرلۈك ئەلگە قولايلىق يەتكۈزىدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەلگە پايدا يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەر داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بەلگىسىگە، ئەڭ ھەيۋەتلىك كەيپىياتىغا ئايلاندۇرۇلدى.

  يولداشلار، دوستلار!

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، يېڭى مەزگىلنى باشلاشتىن يېڭى ئەسىرگە ھالقىپ كىرىشكىچە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشتىن يېڭى دەۋرگە كىرىشكىچە، 40 يىل بوران- چاپقۇندا بىللە بولدۇق، 40 يىل تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق، 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان، ھەيۋەتلىك تارىخ كارتىنىسىنى سىزىپ، يەر- جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ۋە سەلتەنەتلىك، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان كۈرەش قەسىدىسىنى پۈتتى.

  − 40 يىلدىن بۇيان، بىز باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي سوتسىيالىزم ئاساسىي پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى روشەن ئەمەلىيەت خاسلىقى، نەزەرىيە خاسلىقى، مىللەت خاسلىقى ۋە دەۋر خاسلىقىغا ئۈزلۈكسىز ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت ئارقىلىق ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ جانلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدۇق، سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى باشتىن- ئاخىر بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا ئېگىز جەۋلان قىلدى!

  − 40 يىلدىن بۇيان، بىز باشتىن- ئاخىر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 367 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2017- يىلىدىكى 82 تىرىليون 700 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.5 ئەمەلىي ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %2.9 ئەتراپىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. دۆلىتىمىز ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى %1.8 تىن% 15.2كە ئۆرلەپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30تىن ئېشىپ كەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى
【1】 【2】 【3】 【4】  كېيىنكى بەت