ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئىدىيە كاپالىتى، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئاممىۋى پىكىر مەدىتى، مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى پېڭشىن قاتناشتى

2018.12.20 19:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، رېن خۇا، جاڭ بو يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەملىكەتلىك تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلدى، ماقۇللاندى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، شەخسەن ئۆزى پىلانلاپ، شەخسەن ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى ئېچىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، يېڭى دەۋردە تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلىشى، باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى، تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. باشتىن- ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ پىرىنسىپاللىقى، سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىجادىيلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇھىم، زور نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، ئانالىز قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىغا، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئاڭلىق قوغدىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشنى تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق- تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، مۇتلەق بىخەتەر بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەسى ئاممىۋى پىكرىنى يەنىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، بازا ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ياخشى باشقۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى، سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن يۆنىلىشنى ئىگىلىشى، يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتۇشى، بازىنى باشقۇرۇشى، قوشۇننى كۈچەيتىشى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار تەڭ تۇتۇپ بىرلىكتە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى «بىر تاختا شاھمات» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات- ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى