ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە كۈلكە كۆپەيدى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلاندى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلىرىدە يېڭى قىياپەت نامايان بولدى

مۇخبىرىمىز ليۇ يى

2018.12.20 18:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  12- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان بازىرى ياقا شۇنۇت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت ئۆيى ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى ئورۇنلىغان بىر مەيدان ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى قويۇلۇۋاتاتتى، كوللېكتىپ ئۇسسۇل، ئېتۇت قاتارلىق نومۇرلار قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، 300دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى قىشلىق ئارىسال ۋاقىتتىكى خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقانىدى.

  «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، كىيىنىش- ياسىنىشلىرى ئىلگىرىكىدىن مودا بولۇپ كەتتى». كۇچا ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ ياقا شۇنۇت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى مېھرىبانگۈل ھوشۇر مۇنداق دېدى: كۈنسايىن موللىشىۋاتقان ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ھۆسن قوشتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

  ياقا شۇنۇت كەنتىدىكىگە ئوخشاش مەنزىرە ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا- كەنتلەردە بارغانسېرى ئومۇملاشتى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى؛ مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق سەنئەت يۇرتلىرى، ئۆمەكلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ «تۆت بىر تۈركۈم» مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇشقا تەشكىللىدى؛ «باھار يامغۇرى قۇرۇلۇشى» پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەدەنىيەت پىدائىيلىرى چېگرا رايون سەپىرى چوڭ سەھنىسى، چوڭ دەرسخانىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا كەيپىياتى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈردى، تەرەققىي قىلدۇردى.

  يېزا- كەنت قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىدىلا گەۋدىلىنىپ قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىدىمۇ گەۋدىلەندى.

  12- ئاينىڭ 16- كۈنى، مەن ساۋەن ناھىيەسىنىڭ داچۇەن يېزىسى سەنداۋگۇ كەنتىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى يوللارنىڭ ئازادە، پاكىز، دېھقان ھويلىلىرىنىڭ رەتلىك، يېقىشلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىلغار، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.

  «سەنداۋگۇ كەنتىدە مۇكەممەل يەر ئۈستى، يەر ئاستى سۇ سىستېمىسى بار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، چىلىغان سەي ئىشلەپچىقىرىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ». ساۋەن ناھىيەلىك «بەيشۇ» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جيەنلىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتە چىلىغان سەي تىجارىتى شەھەردىكىدىن قىلچىمۇ قېلىشمايدۇ.

  سەنداۋگۇ كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ كارتىنىسى. بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بۇنىڭغا ماس ھالدا زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى يېزىلاردا؛ يېزىلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنىڭ ئاساسى قاتناشتا. بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى 12 مىڭ 462 كىلومېتىرلىق يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى تاماملاپ، بۇ يىلقى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان تاشيول تورى يېزىلاردا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزىلاردا «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئالتاي ۋىلايىتىدىلا 270 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېزا پاكىز ھاجەتخانىسىدىن(ئاممىۋى ھاجەتخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 35 مىڭ 789ى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ سېلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز يېزا- بازار (ناھىيە بازىرى) 2016- يىلىدىكى 15تىن، 26گە كۆپەيدى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يۆتكەپ توشۇش(بىر تەرەپ قىلىش) ئەسلىھەلىرى بار يېزا- بازار 550كە يەتكۈزۈلىدىكەن، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن كەنت، مەھەللە 5500دىن ئاشۇرۇلىدىكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەخمىنەن %64 يېزا- بازار ھەمدە %62.8 مەمۇرىي كەنتتە تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنسايىن موللاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، شەھەر- يېزا تۇرمۇش شارائىتىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز تارىيىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا- كەنتلەردە يېڭى قىياپەت نامايان بولماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى